تۈنۈگۈن مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگان تور بېكىتىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەتلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ لېبىننىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: نۆۋەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەتلىك دىنى ئىشلار ئىدارىسى پارتگۇرپپىسىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ لىبىننىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش قارار قىلىندى.
تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاڭ لېبىننىڭ سىياسى ئىنتىزام، سىياسى تۈزۈم، تەشكىلى تۈزۈمگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، گۇرۇھ توپلىغانلىقى؛ پاك دىيانەتلىك بولۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقىلارنىڭ مەنپئەتىنى كۆزلەپ سوۋغا ۋە نەق پۇللارنى قوبۇل قىلغانلىقى ئېنىقلانغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved