شىنخۇا تورى 19 – دېكابىر ۋاشىنگىتوندىن بەرگەن تېلېگراممىسى لەگلەك تورى تەرجىمىسى ، ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىقى 19 – چىسلا ئېلان قىلىشىچە ، ئامېرىكا ئارمىيىسى كېلەر يىلى بىرىنجى ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئىراققا 1300 نەپەر ھەربىي ئىشلار خادىمى كۆپەيتمەكچى .
ئامېرىكا دۆلەت مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كېبىي شۇ كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىندا بىلدۈرۈشىچە ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئالدىنقى ئايدا ئىراققا 1500 نەپەر ھەربىي ئىشلار خادىمى كۆپەيتىشنى تەستىقلىدى . بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولسا ئوبامانىڭ ھەربىي كۆپەيتىش پىلانىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ئىكەن .
ئۇ تەكىتلەپ بۇ قېتىمقى ئادەم كۆپەيتىش بولسا ئاساسلىقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ۋە غەربىي ئەنبەر رايونىغا كۆپەيتىدىكەن . ئاساسلىق ۋەزىپىسى بولسا ئىراقتىكى بىخەتەرلىك قىسىمى بىلەن كۇردلار قۇراللىق كۈچ ‹ ئىسلام دۆلىتى › قارشىى تەشكىلاتقا پىكىر بىرىپ ئۇلارغا ياردەملىشىدۇ . لېكىن ھەرقانداق ئۇرۇشقا قاتناشمايدۇ . شۇنىڭ بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ھەربىيلىرى 12 دانە ھەربىي قىسىمنى مەشقلەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستگە ئالغان .
ئىگىلىنىشچە بۇ قېتىمقى ئورۇنلاشتۇرۇش ئامېرىكا ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق قىسىمى 82 – پاراشوتچى قىسىمدىن 1000 ئادەم ۋە باشقا قىسىملاردىن 300 نەپەر ئادەم چىقىرىدىكەن .
ئامېرىكا ھازىر ئىراقتا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئىشلار خادىمى تەخمىنەن 1400 نەپەر ئىكەن . 8 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن بۇيان ئامېرىكا ئارمىيىسى ئاساسلىق ‹ ئىسلام دۆلىتى › گە زەربە بىرىش خەلقئارا ئىتتىپاق ئىراق ۋە سۇرىيە چىگىرىسدىكى قۇراللىق كۈچلەرنى بومباردىمان قىلغان . ھەم ئەسەبىي تەشكىلات ‹ ئىسلام دۆلىتى › نىڭ نۇرغۇن قۇرال يىراق ئامبىرىنى پاچاقلىۋەتكەن . يېقىنقى بىر نەچچە ھەپتىلىك ھاۋادىن ھۇجۇم قىلشتا ‹ ئىسلام دۆلىتى › ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ نەچچە يۇقىرى ئەمەلدارىنى يوقاتقان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved