چاۋشيەن بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 10-دېكابىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن «تۆھپە» دۆلەتلىك خور ئۆمىكى بىلەن «مودەنگۈل چوققىسى» ئوركېسترى 10-دېكابىر چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن، نۆۋەتتە مىللەتلەر مېھمانسارىيىغا چۈشكەن. «مودەنگۈل چوققىسى» ئوركېسترىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرى چۈشكەن مېھمانسارايدا كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئىگىلىنىشىچە، «مودەنگۈل چوققىسى» ئوركېسترى 9-دېكابىر پيۇڭياڭدىن مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ ئالدى بىلەن جۇڭگونىڭ دەندۇڭغا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن 9-دېكابىر چۈشتىن كېيىن سائەت 6:30 لاردا جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى پويىزىغا ئالمىشىپ شېنياڭدىن ئۆتۈپ، 10-دېكابىر ئەتىگەن سائەت 8:30 لاردا بېيجىڭ بېكىتىگە يېتىپ كەلگەن، ئارقىدىنلا مىللەتلەر مېھمانسارىيىغا چۈشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، «مودەنگۈل چوققىسى» ئوركېسترى بىلەن «تۆھپە» دۆلەتلىك خور ئۆمىكى 12-دېكابىردىن 15-دېكابىرغىچە بېيجىڭ دۆلەتلىك تىياتىرخانىدا دوستلۇق ئويۇنى قويىدىكەن.
![]() |
ئامېرىكا Quora تور پونكىتى تورداشلاردىن «مېھمانخانا تەرەپ قايسى ئىشلارنى خېرىدارلارغا دەپ بەرمەيدۇ؟» دەپ سوئال سورىغان.
تورداشلار تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بەرگەن:
1. ئاساسەن ھەر بىر مېھما...
|
![]() |
ئادىل غوجالىم
‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق›› شىنجاڭ جۇغراپىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكى. بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا قاراقۇرۇم تاغ تىزمىسى، تارىم ئويمانلىقى، تەڭرىتاغ، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرى بار.
&...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved