ئاپتونوم رايون سودا–سانائەت بانكىسى بىلەن پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسى 3 – ئىيۇل پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


مەركەزنىڭ 1 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسى چوڭ بانكىنىڭ مۇلازىمىتىدىكى باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قاتلاملىق پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قەرز پۇل قالدۇقى 105 مىليارد 500 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2010 – يىلىدىكىدىن 65 مىليارد يۈەندىن كۆپرەك ئېشىپ، 1.6 ھەسسە كۆپەيدى؛ ئاپتونوم رايونىمىزغا بەرگەن قەرز پۇلنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى پۈتۈن بانكا ۋە غەربىي رايوننىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ئىزچىل يۇقىرى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئەۋزەل بايلىقلارنى ئېچىش ۋە گۈللەنمە كەسىپلەر تەرەققىياتى، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى›› ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشتى.


نۇر بەكرى ئىمزا قويۇش مۇراسىمىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېخىمۇ تېز ھەم ياخشى تەرەققىياتى ئۈچۈن زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسى پاي ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسىنىڭ بۇ قېتىمقى كېلىشىم ئىمزالاشنى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىسى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى قوللاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشىنى، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق كەسىپلەر تەرەققىياتى، نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇلۇشى شۇنداقلا ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسى››، كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭغا بولغان پۇل مۇئامىلە مەدىتىنى يەنىمۇ زورايتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى جۇڭگو سودا – سانائەت بانكىسىنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرىكىدەكلا قوللاپ، پائال پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ، ئەلا سۈپەتلىك ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ چوقۇم ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشتا يېڭى سەھىپە يارىتىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.



خەتكۈچلەر:
05-07-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 26- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو زور مەبلەغ بىلەن ھالسىرىغان خەلق پۇلىنى قوللىغانلىقتىن، گېرمانىيە 2...
27-05-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     ئىناۋەت باھالاش ئورگىنى مۇدىي (Moody’s) نىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مالىيە كېلەچىكى رېكورت ياراتقان سۈرئەتتە يامانلاشقان، 2008-يىلدىكى پۇل-مۇ...
27-05-2016
شىنخۇا تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     جۇڭگو مالىيە مىنىسترىلىقى 26- ماي لوندوندا 3 مىليارد يۈەنلىك خەلق پۇلى زايومى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ زايومنىڭ مۇددىتى 3 يىل، ئۆسۈمى %3....
27-05-2016
يەر شارى تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 5- ئاينىڭ 27- كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو-كورىيە ئىككى تەرەپ شۇ كۈنى سىئولدا 14- نۆۋەتلىك جۇڭگو-كورىيە ئىقت...
27-05-2016
خېشۈن تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 27- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائەت 12 بولغاندا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1217.56 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن بېرى 12 دوللار چۈشۈپ كەتت...
27-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 27- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئۈرۈمچى تاموژنىسى 26- ماي ئېلان قىلغان سىتاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلى 1- ئايدىن 4- ئايغىچە شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئ...
27-05-2016
    FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ۋېنېزۇئېلا ئىقتىسادى كىرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز تۆلەش ئىقتىدارى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. بۇ دۆلەتنىڭ مەركىزى بانكىسى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە زور مىقداردا ئالتۇن سېت...
27-05-2016
تېڭشۈن تورى پەن-تېخنىكىسىنىڭ 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگونىڭ ئىككىنچى چوڭ تور ئەسلىھەسى ياساش شىركىتى جوڭشىڭ ئالاقىسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن 23 بايراقدا...
26-05-2016
Business Insider تورىنىڭ 26-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: Business Insider ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ۋە سانلىق مەلۇمات شىركىتى Equilar تەمىنلىگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى كەسپلەرنىڭ يۇقىرى دەرىج...
26-05-2016
خېشۈن تورى 26- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     5- ئاينىڭ 26- كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1229.20 دوللار بولۇپ، ئەتىگەندىن...
Powered by Leglek