ئەنگىلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ 8- ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، فوتوگراف جودى يېقىندا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدىن تاساددىپى دېڭىز شەيتىنى تېترائودون بېلىقى ( ئايبېلىق ) نىڭ سۇ يۈزىدە ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتقان سۈرىتىنى تارتىۋالغان . دېڭىز شەيتىنى يەنە دېڭىز- ئوكيان بېلىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر، قاتتىق سۆڭەكلىك بېلىق تۈرىگە تەۋە، ئۇنىڭ ئاساسلىق يېمەكلىكى مېدۇزا ئىكەن. ئادەتتە بۇ خىل بېلىقىنىڭ بەدىنى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، بەدىنى ئېگىزلىكى 4.2 مېتىر ، ئۇزۇنلۇقى 3.1 مېتىر، بەدەن ئېغىرلىقى 4400 قاداق ( 2000 كىلوگىرام ) دىن ئاشىدىكەن . دېڭىز شەيتىنى ئادەتتە چوڭقۇر دېڭىزدا ياشايدىغان بولۇپ ، دېڭىز يۈزىدە ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved