پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
بۈگۈن جۇڭگۇ ژۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئورگان مىكرو بىلوگى مۇنداق بىر خەۋەرنى ئېلان قىلدى: جۇڭگۇ دۆلەتلىك ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ۋاراتارى ۋاڭ فېي رەسمىي ھالدا گېرمانىيە ئاياللار پۇتبولچىلىقىدىكى كۈچلۈك كوماندا بوستان تۇربىنا كۇلۇبى بىلەن توختام ئىمزالىماقچى.
ۋاڭ فېي 12-ئاينىڭ 3-كۈنى گېرمانىيەگە يېتىپ بارغان بولۇپ بوستان تۇربىنا كۇلۇبىغا قېتىلىش توغرىسىدىكى تەپسىلىي ئىشلارنى سۆزلەشكەن. ھەمدە بېيجىڭ ۋاقتى بۈگۈن سەھەردە ئوڭۇشلۇق ھالدا توختام ئىمزالىغان. ۋاڭ فېي ۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن بۇلۇپ ھازىر دالىيەن شىدې كۇلۇبىغا كۈچ قوشۇۋاتقان. ئاساسلىق ۋاراتار بولۇش سۈپىتى بىلەن ۋاڭ فېي جۇڭگۇ دۆلەتلىك ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بىلەن تېخى ئەمدىلا ئاخىرلاشقان ئاسىيا تەنھەرىكەت يېغىنىغا قاتناشقان. كىچىك گۇرۇپپىدىكى مۇسابىقىدە دۇنيا چېمپىيۇنى ياپونىيە ئاياللار كومانىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ۋاڭ فېينىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بۇلۇپ دۆلەتلىك ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن چىقىشىغا زور تۆھپە قوشقان. شۇ سەەۋەبلىك ئۇ گېرمانىيە ئاياللار پۇتبولچىلىقىدىكى ئەمەلىي كۈچى زور كوماندا بوستان تۇربىنا كۇلۇبىنىڭ تەكلىپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولغان.
بوستان تۇربىنا كۇلۇبى ئىلگىرى نۇرغۇن قېتىم ئاياللار پۇتبولىنىڭ گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ئېرىشكەن. ھەمدە ئىككى قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىغا ھەم ئىككى قېتىم ئىككىنچىلىكىگە ئېرىشكەن. ۋاڭ فېي بولسا ئوڭۇشلۇق ھالدا گېرمانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىگە قوشۇلغان ئاياللار پۇتبولچىلىقىدىكى تۇنجى جۇڭگۇلۇق ئايال.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved