جۇڭگو بانكىسى 9-فېۋرال سىدنېيدا خەلق پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىشنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بۇ خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇشنىڭ جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدا ماھىيەتلىك ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جۇڭگو بانكىسىنىڭ باشلىقى چېن سىچىڭ مۇراسىمدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ئىككى تەرەپلىك سودا ۋە مەبلەغ سېلىش يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، خەلق پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىشنى باشلاش جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى.
جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيە مەركىزى بانكىلىرى ئۆتكەن يىلى نويابىردا رەئىس شى جىنپىڭ ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولغاندا خەلق پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىشقا ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان. شۇندىن كېيىن، جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو بانكىسىنىڭ سىدنېي شۆبىسىگە خەلق پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىش تۈرىنى تەسىس قىلىش ھوقۇقى بەردى، ئاۋسترالىيەنىڭ خەلق پۇلى بازىرىدا جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق خەلق پۇلى بىلەن ھېسابات قىلىش سىستېمىسىنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved