ئامېرىكا ئارمىيەسدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ 5- يانۋار دەلىللىشىچە، ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە قىسىملىرى شۇ جاي ۋاقتى 5- يانۋار ئافغانسىتاننىڭ جەنۇبىدىكى خېلماند ئۆلكىسىدە تالىبانلار بىلەن شىددەتلىك ئۇرۇش قىلغان. ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر پىيادە ئەسكىرى بۇ ئۇرۇشتا قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى نەپەر ئامېرىكا ئەسكىر يارىلانغان.
ئافغانسىتاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ باياناتچىسى ۋېرسوننىڭ شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر پىيادە ئەسكىرى خېلماند ئۆلكىسىنىڭ مارجا رايونىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا يارىلانغان، كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىككى ئەسكەر يارىلانغان.
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ تاراتقۇلارغا ئاشكارلىشىچە، بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى تالىبان قوراللىقلىرى بىلەن بولغان ئېتىشىشتا قازا قىلغان، يەنە بىر ئەسكەر يارىلانغان. كېيىن ئامېرىكا ئارمىيەسى بىر داۋالاش تىك ئۇچار ئايروپىلانى ئەۋەتىپ، يارىلانغان ئىككى ئەسكەرنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغان، ئەمما تىك ئۇچار ئايروپىلان قونغاندىن كېيىن بىر مىناميوت ئوقى تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ يېنىدا پارتلاپ، ئايروپىلان گەۋدىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۇچۇشقا ئامالسىز قالغان، تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى بىر ئۇچقۇچىمۇ يارىلانغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved