پۇتبول تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى.
بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەر سائەت 2 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى F كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 3-ئايلانمىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ مەيدانىدا ئاجاكىس كۇلۇبى بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا مېسسى ياردەمچى پاس بەردى، نېيما توپ كىرگۈزدى. ئاندىن ئىنىستا بەرگەن پاسنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا گاچ ئاجاكىس كۇلۇبى ئۈچۈن بىر توپ قايتۇرۇپ ئەكەلدى. رامىلىس قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا بارسېلونا كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن ئاجاكىس كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
مۇسابىقە باشلىنىپ يەتتە مىنۇت بولغاندا بارسېلونا كۇلۇبى ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىدى.مېسسى ئوتتۇرا يولدىن سۈرئەتنى تىزلىتىپ بۆسۈپ كىرىپ بېكلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە بۇراپ توپنى كەينىدىن ئەگىشىپ كەلگەن نېيمارغا بەردى. نېيمار توپنى ئاسانلا ئىتتىرىپ ۋاراتارغا كىرگۈزۈۋەتتى. بارسېلونا كۇلۇبى 1-0 ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى.
24 مىنۇت بولغاندا بارسېلونا كۇلۇبى نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. ماسچىلانو ئوتتۇرا مەيداندىن توپ تارتىۋېلىپ ئىنىستاغا پاس بەردى. ئىنىستا ئۇستىلىق بىلەن توپنى مېسسىغا بەردى. مېسسى چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە تپنى ۋاراتارغا كىرگۈزدى. نەتىجە 2-0 گە ئۆزگەردى.
88 مىنۇت بولغاندا ئاجاكىس كۇلۇبى بىر توپ قايتۇرۇۋالدى. توپ چەكلەنگەن رايۇنغا كەلگەندە بىرىنچى توپنى ۋاراتار توسۇۋالدى، ئارقىدىنلا گاچ توپنى ئۇستىلىق بىلەن ۋاراتارغا كىرگۈزدى. نەتىجە 2-1 بولدى.
قۇشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا رامىلېس ئۆزىنىڭ شەخسىي ماھارىتىگە تايىنىپ چەكلەنگەن رايۇن ئىچىدە قارشى تەرەپ بېكلىرىنى ئالداپ ئۆتۈپ يەنە بىر توپ كىرگۈزدى. بارسېلونا كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن ئاجاكىس كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە بىر توپ كىرگۈزۈپ بىر ياردەمچى پاس بەرگەن مېسسى پۈتۈن مەيداندىكى ئەڭ يۇقىرى بولغان 8.5 نومۇرغا ئېرىشتى.
بارسېلونا كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
1-نومۇر تېرستىگىن. 22-نومۇر ئارۋىس. 3-نومۇر پىك. 15-نومۇر بارتىلا. 18-نومۇر ئالبا. 14-نومۇر ماسچىلانو. 4-نومۇر لاكىدىچ. 8-نومۇر ئىنىستا ( 76 مىنۇت بولغاندا رافىنىيە بىلەن ئالماشتى.) 10-نومۇر مېسسى ( 66 مىنۇت بولغاندا مۇنىر بىلەن ئالماشتى.) 11-نومۇر نېيمار ( 62 مىنۇت بولغاندا رامىلىس بىلەن ئالماشتى.) 7-نومۇر پىدىرو.
ئاجاكىس كۇلۇبىدىن ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان توپچىلار:
22-نومۇر سىلايسىن. 2-نومۇر فىرايىن. 3-نومۇر فېلتمان. 4-نومۇر مۇيىساند. 26-نونۇر فېلگىۋىر. 10-نومۇر كىراسىن. 32-نومۇر سىمۇرىن. 16-نومۇر لۇكاس ئاندىرسىن. 20-نومۇر شوۋىن. 9-نومۇر سىگىلسۇرسۇن ( 73-مىنۇت بولغاندا گاچ بىلەن ئالماشتى.) 11-نومۇر گىسنا.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved