تۈرۈكلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سپرۇسنىڭ شىمالىدىكى رايوندا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى 26-ماي: تۈركىيە «سىپرۇس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش»تا قەتئىي ئىرادىگە كەلدى، دېدى.
چاۋۇش ئوغلى شۇ كۈنى سىپرۇستىكى تۈرۈكلەر رەھبىرى بىلەن كۆرۈشتى. چاۋۇش ئوغلى سۆھبەتتىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ئەگەر ئىككى تەرەپ قەتئىي ئىرادىگە كەلسىلا، سىپرۇس مەسىلىسى بۇ يىل ئىچىدە مەڭگۈلۈك ھەل قىلىنىشى، مەڭگۈلۈك تىنچلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى مۇمكىن.
چاۋۇش ئوغلى مۇنداق دېدى: سىپرۇس مەسىلىسى سۆھبىتىگە تۈركىيە، گرېتسىيەلا دىققەت قىلىپلا قالماي، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارمۇ دىققەت قىلماقتا.
مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا يەتتە ئايغا يېقىن بولغان سىپرۇس مەسىلىسى سۆھبىتى قايتا باشلانغانىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved