ئافرىقا ئىتتىپاقى بۇرۇندىدىكى ھەربىي ئىنقىلابنى ئەيىبلىدى

جاھان ئاگېنتلىقى 14-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتىتى باشلىقى نكوسازانا دلامىنى زۇما، بۇرۇندىدا سابىق باش شىتاب باشلىقى رەھبەرلىكىدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئىنقىلابنى ئەيىبلىدى. زۇما، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسى قانۇنغا زىت ھەرىكەتلەرگە قارشى ئىكەنلىكى ۋە دېموكراتىيەگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،« ئافرىقا ئىتتىپاقى شەرقى ئافرىقا ئەللىرىنىڭ كىرزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ۋە تانزانىيەدىكى يىغىندا قارار قىلغان پىلانلىرىنى قوللايدۇ» دېدى. زۇما، بۇرۇندىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئىنسانى ھۇقۇق ۋە ئەركىنلىككە ھۆرمەت قىلىنىشى ئۈچۈن ئاساسى قانۇن رامكىسىدا يارىشىش ۋە شەرقى ئافرىقا بىرلەشمىسى يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارلارغا ماسلىشىشقا چاقىرىق قىلىپ، ئەكسىچە بولغاندا بۇ ۋەزىيەتنىڭ رايۇننىڭ مۇقىملىقىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى ۋە دېموكراتىك سايلام ئۈچۈن ساغلام مۇھىت يارىتىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇرۇندى پرېزىدېنتى نكۇرۇنزىزا دۆلىتىدىكى كىرزىسقا سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن تۈنۈگۈن تانزانيەدە ئۆتكۈزۈلگەن شەرقى ئافرىقا ئەللىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان ئىدى. پرېزىدېنت نكۇرۇنزىزا، بۇرۇندىدا ھەربي ئۆزگىرىش خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن دۆلىتىگە قايتقان ئەمما بۇرۇندى ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشى چەكلەنگەن بولۇپ تانزانىيەگە قايتىپ كەتكەن.
سابىق باش شىتاب باشلىقى نىيامبورا پايتەخت بۇجۇمبۇرادا پرېزىدېنت نكۇرۇنزىزانىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقىنى، ھۆكۈمەتنىڭ تارقىتىۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇرۇندى پرېزىدېنتىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھەربي ئۆزگىرىشنىڭ مەغلۇب بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



14-05-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جاھان ئاگېنتلىقى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek