نىگېرىيەدە 223 قىز ئوقۇغۇچى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىزدەشكە باشلىدى

ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نىگېرىيە ساقچىلىرى يېقىندا ئەسەبىي تەشكىلات بوكو ھەرەم تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 223 قىز ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالىغانلارغا 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دەرغەزەپ بولغان ئاتا-ئانىلار «بالىلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلەيلى» دېگەن ھەرىكەتنى قوزغاپ، يەر شارىدىكى نۇرغۇن داڭلىق ئەربابلار ۋە سىياسىيونلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. يېقىندا، جۇڭگو، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، ئامېرىكا نىگېرىيە ھۆكۈمىتىگە ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بۇ قىزلارنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.


بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇر 14-ئاپرېل نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بورنو ئىشتاتى چىبوك بازىرىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقىغا بېسىپ كىرىپ، ئۇخلاۋاتقان 12 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان 276 قىز ئوقۇغۇچىنى مەجبۇرىي ماشىنىغا چىقارغان. ئۇلار ھەربىيلەر بىلەن قىسقىغىنا ئېتىشقاندىن كېيىن، ماشىنىنى ھەيدەپ قويۇق ئورمانلىققا كىرىپ كەتكەن. نىگېرىيە ھۆكۈمىتى قوشۇن ئەۋەتىپ ئورمانلىققا بېرىپ قۇتقۇزماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن قوراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلگەن. ھازىرغىچە، 53 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ قېچىپ كەتكەنلىكى ئېنىقلاندى، لېكىن يەنە 223 قىز ئوقۇغۇچىنىڭ ئىز-دېرىكى يوق.


نىگېرىيەدىكى ئەسەبىي تەشكىلات بوكو ھەرەم 5-ماي بىر ۋىدىيودا بۇ ئىشنى ئۆزلىرىنىڭ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. بۇ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى شىكاۋۇ ۋىدىيودا، نىگېرىيە غەربچە مائارىپنى توختىتىشى كېرەك، بولمىسا مەن بازاردا تۇتقۇن قىلىۋالغان قىز ئوقۇغۇچىلارنى قۇل سۈپىتىدە سېتىۋېتىمەن دېدى.


بۇ تېررورچىلار نېمە ئۈچۈن قىز ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىدۇ؟ ئىگىلىنىشىچە، بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ مەقسىتى غەربچە مائارىپنى چەكلەش بولۇپ، ئۇلار نىگېرىيە تالىبانلىرى دەپ ئاتىلىدىكەن. غەربچە مائارىپقا قارشى تۇرغانلىقتىن، مەكتەپ ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان، بۇ تەشكىلاتنىڭ تېررورچىلىرى دائىم يېرىم كېچىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ياتاقلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆلتۈرىدىكەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 2010-يىلى 8-ئايدا بۇ تەشكىلاتنى تېررورلۇق تەشكىلات قاتارىغا كىرگۈزگەن. بۇلتۇر 3-ئايدا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بۇ تەشكىلاتنىڭ باشلىقى شىكاۋۇنى تۇتۇپ بەرگۈچىلەرگە يەتتە مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

 

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى خاف 5-ماي ئاخباراتتىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش ئۇسۇلى بىلە نىگېرىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىمىز دېدى. 7-ماي جۇڭگو، ئەنگلىيە، فىرانسىيەمۇ قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نىگېرىيە زۇڭتۇڭى جوناتان زىيارەتكە بارغان جۇڭگونىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، جۇڭگو نىگېرىيەگە سۈنئىي ھەمراھ ۋە ئاخبارات تارماقلىرى ئېرىشكەن كېرەكلىك ئاخباراتلار بىلەن تەمىنلەشكە ماقۇل بولدى دېدى.

فىرانسىيەمۇ مەخسۇس قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى نىگېرىيەگە ئەۋەتىمىز دېدى. ئەنگلىيەمۇ سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق سۈرەت ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بار ئۈسكۈنە ئورۇنلاشتۇرۇشقا قوشۇلدى.
بوكو ھەرەم تەشكىلاتى 6-ماي يەنە بىر قېتىم نىگېرىيە ھۆكۈمىتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇر ئاپتوماتىك مىلتىق بىلەن شەرقىي شىمالدىكى بىر سودا بازىرىنى غالجىرلارچە ئوققا تۇتتى. بۇندىن باشقا، ئۇلار يەنە ئۆي ۋە ماشىنىلارنى كۆيدۈردى، ھەتتا ئادەملەرنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، 310 ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. نىگېرىيەنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئەھمەد بۇ پاجىئە يۈز بەرگەن بازاردا تۇرۇشلۇق ئارمىيە بىلەن ساقچىلار يوقاپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىزدەشكە كېتىپ قالغانلىقتىن، پۈتكۈل بازارنى قوغدايدىغان ئارمىيە ۋە ساقچىلار قالمىغان دېدى.


شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن تازىلىغان بولسىمۇ، لېكىن بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ يەنىلا خالىغان چاغدا، خالىغان جايدا خالىغانچە تېررورلۇق ھۇجۇمىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش ئىقتىدارى بار بولۇپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم ۋە جەمئىيەتتە ساراسىمە پەيدا قىلدى. ئەمەلىيەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت نىگېرىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۇزۇندىن بۇيان ئەيىبلەپ كەلگەن. بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنىڭ نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا ھەرىكەت قىلغىنىغا بەش يىل بولدى. بۇلتۇر 5-ئايدا، نىگېرىيە زۇڭتۇڭى جوناتان نۇرغۇن قوشۇننى شەرقىي شىمالدىكى بورنو، يوبى، ئاداماۋا ئىشتاتلىرىغا يۈرۈش قىلىپ، بوكو ھەرەم تەشكىلاتىنى تازىلاشقا بۇيرۇغان.

بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، بوكو ھەرەم تەشكىلاتى چەتئەللەر ئويلىغاندەك ئورمانلارنىڭ ئىچكىرىسىگە يوشۇرۇنۇۋالماستىن، بەلكى گازارمىلارغا ئارقىمۇ-ئارقا ھۇجۇم قىلىپ، مەكتەپلەرنى قانغا بوياپ، زەنجىرسىمان ماشىنا بومبا پارتلاتتى، ئارمىيە نىشانلىرىغا نۇقتىلىق ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شەرقىي شىمالدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، ئېغىر خەتەر ئىچىدە قالغان جايلاردىكى مەكتەپلەر تاقالدى، شۇ جايلاردىكى نەچچە ئون مىڭ ئامما يۇرت-ماكانسىز قالدى، ھەتتا قوشنا دۆلەتلەرگە كۆچۈپ، مۇساپىرلارغا ئايلاندى.



خەتكۈچلەر:
12-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
18-05-2016
رۇسىيە lenta.ru تور بېكىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە 30 ياشتىن تۆۋەن ياشلارغا بىر پارچىدىن ساياھەت كارتىسى تارقاتقان، مەزكۇر كارتا ئارقىلىق يېرىم باھالىق ساياھەت ئېتىبارىغا ئېرىشكىلى بولىدىكەن. بۇ پائالىيەت رۇسىيە ي...
18-05-2016
بىر پارچە ئەلرايىنى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، %80 كە يېقىن زىيارەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئەنگلىيەلىك ئەنگلىيەدىن ئايرىلىپ رۇسىيەگە بېرىپ تۇرۇشنى خالايدىكەن، چۈنكى بۇنداق قىلسا پۇتىن ئۇلارغا زېمىن سوۋغا قىلىدىكەن. يېقىندا، ئەنگلىي...
17-05-2016
تۈركىيەدە چىقىدىغان تۈركىيە خەۋەرلىرى تور بېكىتىنىڭ 16-ماي خەۋەر قىلىشىچە: تۈركىيە ئاخبارات تارماقلىرى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، بىر قىسىم ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىش ...
17-05-2016
ئەنگىلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ بۈگۈن سەھەردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە مىيۇنخىندىن ھىندىستاننىڭ بومبايغا قاراپ ئۇچقان A330 تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بومباي ئايرودرومىغا قونىۋاتقاندا بىر قورقۇنۇشلۇق ئىش يۈز بەرگەن، يەنى ئ...
17-05-2016
بېيجىڭ ياشلار گېزىتى مۇخبىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، يوكىيو خىرو بېيجىڭغا يېتىپ كېلىپ، ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق يېڭى باش ئەلچىسى بولغان ھەمدە 16- ماي ياپونىيەنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىدا بىر قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچق...
17-05-2016
ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى (يەنە 15-چېسلا كۈنى)، ئامېرىكا ئاتلانتا خەلىقئارا ئايرودرومىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئورنى ئالاھىدە يولۇچىنى كۈتۈۋالغان، يەنە قارىما...
17-05-2016
     16-ماي، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن ئافغانىستاننىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئابدۇللا بىلەن سۆھبەتلەشتى.     16-ماي، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچي...
17-05-2016
شياڭگاڭ شەرق كۈندىلىك گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 16- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيە ئاخبارات ئورگىنى «ھۆكۈمەت ئاخبارات مىنىستىرلىكى» 16- ماي ئىجتىمائىي ئالاقە تورى تىۋىتىردا ھېسابات ئېچىپ ئاكتىپلىق بىلەن ئاممىغا يېقىنلاشقانلىقىنى جاكارل...
17-05-2016
سۈرەتتە: بىر كىچىك قىز تاشلاندۇق بېلىقچىلىق كېمىسى ئۈستىدە ئولتۇرماقتا. شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 13-ماي، كامبودژانىڭ كاندال ئۆلكىسى، ئېل نىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە شۇ جايدا ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن. سۈرەتتە: بى...
17-05-2016
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف 16-ماي مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە 8 دۆلەت گۇرۇھىغا قىزىقىشى ئاجىزلىدى، بىراق 20 دۆلەت گۇرۇھى قېلىپىدا ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. پىسكوف شۇ كۈنى غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىي...
Powered by Leglek