بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىرى بەلگىلىنىپ كېتىدىغان ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىدۇ

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش تۈرى ئازايتىلىپ، رايونلار ۋە شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتى جەھەتتىكى پەرق ئازايتىلىدۇ

 

گوۋۇيۇەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ4-سېنتەبىردىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دۇ يۈبو، ليۇ لىمىن، مىنىستىر ياردەمچىسى لىن خۇيچىڭ ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. بۇ قېتىملىق ئىسلاھاتتا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان مەسىلىلەر زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىنىپ، رايونلار ۋە شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتى جەھەتتىكى پەرق كىچىكلىتىدۇ، يېزىلاردىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيتىلىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇش تۈرى ۋە نومۇر قىممىتى ئازايتىلىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئالىي كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى بىلەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىمتىھانى ئايرىم ئېلىنىدۇ.

  

تونۇشتۇرۇلىشىچە، بىر ئىمتىھان بىلەن ئۆمۈرلۈك تەقدىر بەلگىلىنىپ كېتىدىغان ۋە ئىمتىھان نومۇرىغىلا ئاساسلىنىدىغان ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا «ئىككىنى ئاساس قىلىش، بىردىن پايدىلىنىش»، يەنى بىرتۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش، ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپا باھاسىدىن پايدىلىنىش يولغا قويۇلىدۇ. تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق رايونلار ۋە شەھەر-يېزىلار ئارىسىدىكى ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتى جەھەتتىكى پەرق ئازايتىلىپ، 2017-يىلىغا بارغاندا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولغان ئۆلكە بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى ئارىسىدىكى پەرق %4 ئىچىدە تىزگىنلىنىدۇ.

 

جايلار بولۇپمۇ كۆچمە نوپۇس كۆپ چوڭ شەھەرلەر نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە بۇ قېتىمقى ئىمتىھانلىق قوبۇللاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىغا بىرلەشتۈرگەن ھالدا سىياسەتنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتنى ئىنچىكە ئىشلەش ۋە ئەمەلىلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ كەلگەن تېخىمۇ كۆپ بالىلارنىڭ شۇ يەردە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك. بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا ئىككى تۈرلۈك مايىللاشتۇرۇش سىياسىتى قوللىنىدۇ، 2017-يىلىغا بارغاندا نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇغۇچىلىرىدىن نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ سانى كۆرىنەرلىك ئاشۇرۇلىدۇ.



09-09-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-05-2016
    كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى بۇ داچا ھوللېۋودتىكى چولپانلار يىغىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونغا جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 2787 كىۋادرات كېلىدىغان بۇ داچىدا 10 ھۇجرا ئۆي بار ئىكەن، بۇ ئىلگىرى ئامېرىكىلىق ئايال چولپان بابارا. سترىېساندنىڭ...
10-05-2016
    بۇ يىل 1-ئايدا بىز مىكرو سوفت شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ساتيا نادېللانىڭ ۋاشىنگىتون ئىشتاتىنىڭ Clyde Hill شەھىرىگە جايلاشقان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىنى ساتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق، Gee...
03-05-2016
    2008- يىلىدىكىگە ئوخشاش، ئامېرىكا بەك كۆپ خەجلىۋەتتى ھەمدە بەك كۆپ قەرز ئالدى؛ ئىشلەپچىقىرىلمىلار تولىمۇ ئاز، ئامانەت پۇلىمۇ ئاز. ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى 2009- يىلى ئەڭ پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىلگىرى يار...
02-05-2016
    ئېكۋادوردا يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگىنىگە ئىككى ھەپتىدىن ئېشىپ، قاپسىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات قېلىش ئېھتىماللىقى بارغانسېرى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، بىراق 4- ئاينىڭ 29- كۈنى قۇتقۇزغۇچى خادىملار خارابىلىك ئاستىدىن 72 ياشقا كىر...
01-05-2016
    ئىشچىلار موسكۋادىكى مەشھۇر رۇسىيە مېھمانسارىيىنى ئۆزگەرتىۋاتقاندا، مېھمانساراينىڭ شەرقىي بىناسى بىلەن شىمالىي بىناسىنىڭ ئارا بۇلۇڭىدىكى ئۇلىدا قۇرۇلۇش قىلىۋېتىپ، تەخمىنەن 4000 نەچچە ئادەم سىغىدىغان بىر چوڭ يەر ئاستى سار...
30-04-2016
    ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 30-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، كېنىيە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ 29-چېسلا ئاشكارىلىشىچە، پايتەخىت نايروبىدا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قاتتىق يامغۇر يېغىپ، شەھەرنىڭ شەرقىي قى...
30-04-2016
شېنجىندا نىمكەش ئۆي باھاسى ئۇدا 18 ئاي ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، پۈتۈن شەھەردىكى يېڭى ئۆي پۈتۈشۈش مىقدارى پەقەت 2259 يۈرۈش بولۇپ، 3-ئايدىكىگە قارىغاندا %49 تۆۋەنلەپ كەتتى، پۈتۈشۈش ئوتتۇرىچە باھاسى ھەر كىۋ...
29-04-2016
     جىڭخۇا ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى، باج تاپشۇرغۇچىلار ئەمدى «نىكاھ ئىسپاتى» تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. 28-چېسلا مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆي-ج...
29-04-2016
4-ئاينىڭ 27-كۈنى ساياھەتچىلەر جىنلۇڭ كەنتىدىكى بىر پارچە 3D سترېئولۇق رەسىم ئالدىدا خاتىرە رەسىمگە چۈشمەكتە. 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان، يۈننەن ئۆلكىسى لىجياڭ شەھىرىدىكى جىنلۇڭ كەنتى بىر تۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق، 442 كورپۇ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 27-كۈنى، شېنجېن شەھىرى لۇڭگاڭ ئەيليەن لوڭتېڭ سانائەت رايونىدىكى جوڭتۇڭ ئەشيا ئوبوروتىنىڭ يېنىدىكى ئامبارغا ئوت كەتكەن. ئوت ئۆچۈرۈش تارمىقى تېزلىكتە دايۈنچېڭ، لوڭدۇڭ، لوڭگاڭ، پىڭخۇ، خېڭگاڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئوت...
Powered by Leglek