ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ كەڭ پۇل سىياسىتى بېسىمى تەسىرىدە ياۋرو تۆۋەنلىدى

       ياۋرونى دوللارغا ئالماشتۇرۇش باھاسى 1.06 غىچە تۆۋەنلەپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ كەڭ پۇل سىياسەت مۆلچەرى يۇقىرى ئۆرلىدى. شۇنداقلا كېلەر ھەپتە ياۋروپا مەركىزى بانكىسى پۇل سىياسىتى يىغىنى ئېچىشتىن ئىلگىرى، بازارنىڭ ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىگە بولغان مۆلچەرى يۇقىرى ئۆرلىدى، خەۋەر دە دېيىلىشىچە، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى كەڭ پۇل سىياسىتى ئۈستىدە ھەر خىل تاللاش تۈرىنى ئويلىشىۋاتىدۇ، بۇ بېسىم تەسىرىدە ياۋرو تۆۋەنلىدى.

      ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجى ئېنىق قىلىپ، ئۇ ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ پۇل بېسىش تەدبىرىنى كېڭەيتىشىنى، ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەنپىي پۇل ئامانەت ئۆسۈمى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ زايوم سېتىۋېلىش تەدبىرى ئاساسلىقى ھۆكۈمەت زايومى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ، ياۋروپا مەركىزى بانكىسى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى پۇل سىياسىتى يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

     ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى ئەمەلدارى ھازىر كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەركىزى بانكا يىغىنىدا ئىككى دەرىجىلىك ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتى ۋە زايوم سېتىۋېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىش تۈرنى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بازار ئومۇميۈزلۈك ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ 12-ئاينىڭ 3-كۈندىكى يىغىنىدا ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۈلۈك سېتىۋېلىش پىلانى كۆلىمىنى كېڭەيتىشى مۇمكىن، شۇنداقلا پۇل پاخاللىقى يۇقىرى ئۆرلىشى ۋە ياۋروپا رايونى ئىقتىسادى ياخشىلىنىشى مۇمكىن.

     ياۋرونىڭ تۆۋەنلىشى بەلكىم مەبلەغ سالغۇچىلار ئىلگىرى ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ كەسكىن كەڭ پۇل سىياسىتى تەدبىرگە ياخشى تەييارلىق قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن بولىشى مۇمكىن، شۇڭا، بازار كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدىكى تېخىمۇ زور كۈتۈلمىگەن ئەھۋاللارنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
28-11-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: خەۋەر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
02-03-2016
پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى تورىنىڭ 2-مارت خەۋىرى، باغداش تورىدىن ئەكبەر تەرجىمىسى: جۇڭگودىكى بىرىنچى باي ۋاڭ جىيەنلىننىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇڭگونىڭ دۆلەت كارخانىلىرى يىراقنى كۆرەر ئەمەس ھەمدە خەلقئارالىق باشقۇرۇش ئۆلچىمى كە...
06-02-2016
         جۇڭگو خەلق بانكىسى يېقىندا 2016-يىللىق ھەق تۆلەش راسچوت سىستېمىسىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى قوغداش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، راسچوت سىستېمىسىدا قوغداش كۆزنىكى جەمئىي 12 قېتىم قوزغىتىلىدىكەن. ئۇنىڭدى...
05-02-2016
        بۈگۈن بازار ئېچىلىغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكەچى بىر مەھەل ئۆستى، كېيىن تەۋرىنىش ئىچىدە چۈشۈشكە باشلىدى، چۈشتىن كېيىن بولسا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش يۈزلىنىشىنى ساقلىدى، بازار يېپىلغاندا شاڭخەي پاي كۆرسەتكۈچى %0.63 چۈشت...
05-02-2016
         چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئالى بابا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئېلىكترونلۇق سودا سۇپىسى Flipkart قا مەبلەغ سالماقچى بولغان، ئەمما سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن Flipkart نىڭ مۆلچەر باھانى 15 مىلىيارد د...
05-02-2016
       جۈمە2-ئاينىڭ5-كۈنى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1155 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى. تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 4ئايدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى،...
05-02-2016
     ئۆتكەن يىلى 5-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادىكى پايچېكى بازىرىدىن 15 تىرلىيۇن دوللار پارغا ئايلىنىپ كەتتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭى يىلنىڭ باشلىنىشىدا بۇ ئەھۋال تېخىمۇ يامان بولدى . 2016-يىلى كىرگەندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيا پايچې...
05-02-2016
     سىنگاپور بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ 5- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا « ئامېرىكا-جۇڭگو ئىقتىساد ۋە بىخەتەرلىك باھالاش كومىتېتى » 4- فىۋرال دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: جۇڭگونىڭ خەلق پۇلى كەلگۈسى 10 يىل...
05-02-2016
        خەلقئارا نەق ئالتۇننىڭ باھاسى ئاللىقاچان تېز ئۆسۈش دەۋرىگە كىردى، ئىككى كۈن ئىچىدە %99.5 لىك نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 30 دوللار ئۆسۈپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىدىن ئۈمىدۋار ئالتۇن سودىگەرلىرىنى خېلىلا سەمىرتىپ قويدى. 3- فى...
04-02-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشك...
04-02-2016
      2- ئاينىڭ 3- كۈنى نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا %99.5 لىك ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1126 دوللار بولغان ئىدى، ھالبۇكى بۈگۈن ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى بىراقلا 17 دوللار ئۆسۈپ، ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ باھاسى 1143 دوللارغا...
Powered by Leglek