ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ لوس ئانژېلېستىكى مەكتەپلەر رايونى 15-دېكابىر كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى بارلىق مەكتەپلەردە بومبا تەھدىتى تۈگىتىلگەن، دەرس توختاتقان 900 دىن ئارتۇق مەكتەپ 16- دېكابىر ئوقۇش باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لوس ئانژېلېستىكى مەكتەپ رايونى 15 -دېكابىر ئەتىگەندە، بارلىق ئوقۇتۇش رايونىدىكى يەسلى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 900 دىن كۆپرەك مەكتەپنىڭ ئوقۇشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. لوس ئانژېلېس ساقچىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، لوس ئانژېلېستىكى مەكتەپ رايونى مۇدىرىيىتىنىڭ بىر ئەزاسى مەكتەپكە قارىتىلغان بومبا تەھدىتى تېلېفۇنى تاپشۇرىۋالغان، كېيىن بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ پوچتا يوللانمىسىدا يوللىغان تەھدىتى دەپ قارالغان.
شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيوروك شەھىرىمۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەكتەپ تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى تاپشۇرۇۋالغان، بىراق ئالاقىدار تارماقلار باھالىغاندىن كېيىن، تەھدىت ئىشەنچلىك ئەمەس دەپ قارىغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 26-ئاپرېل، سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرى بومباردىمان قىلىنغان بولۇپ، خەلق ئاممىسى يارىلانغۇچىلارنى قۇتقۇزدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھاۋا ھۇجۇمىدا ئاز دېگەندە 12 ئادەم قازا قىلغان.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved