ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرى، بۇ يىل روژدېستوۋ بايرىمىدا ھاۋايدا دەم ئېلىۋاتقان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما كانېئوخى قولتۇقى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىمى بازىسىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ قاۋۇل ئەسكەرلەر بىلەن بەدەن چېنىقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۆزىنىڭ «ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقى»نى ئېتىراپ قىلغان. ئوباما: «بۇ يەرگە كېلىپ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسىم بىلەن بەدەن چېنىقتۇرغاندا بىرلا مەسىلە كۆرۈلدى، مەن ئادەتتە بەدىنىمنى تولىمۇ قالتىس دەپ ئويلايتتىم. لېكىن يۈز قاداق ئېغىرلىقتىكى شىتانكىنى كۆتۈرىۋاتقان بىرىنىڭ يېنىدا تۇرغاندا ئۆزۈمنى تولىمۇ كىچىك، <ئەرزىمەس> ھېس قىلدىم.»
ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، بويى 185 سانتىمېتىر كېلىدىغان ئوباما ھەر كۈنى بەدەن چېنىقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى بىلەن نام چىقارغان. پەقەت ھاۋارايى ياخشى بولسىلا ئۇ ھەر ھەپتىدە چوقۇم گولف توپ ئوينىغىلى بارىدىكەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved