شىنخۇا تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئىران پارلامېنتنىڭ باشلىقى لارى جانى شۇ يەر ۋاقتى 22-دېكابىر ئىراننىڭ روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ داۋاملىشىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولغان سۈرىيە كىرزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى .
ئىران پارلامېنتنىڭ باشلىقى لارى جانى شۇ كۈنى يەرلىك خەلق پارلامېنتنىڭ باشلىقى زىرې زۇڭلىسى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشتى .كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا ۋارى جانى 2011-يىلى مارت سۈرىيە كىرزىسى پارتلىغاندىن بۇيان ئىراننىڭ كىرزىسنى ئىزچىل سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەنلىكى ،غەرب ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن بۇ جايدا تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى .
ئۇ يەنە ئىراننىڭ روسىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ سۈرىيە كىرزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ،ئىراننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن ئورتاق تونۇشقا كېلەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى .
ئىراق مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا لارى جانى ئىراننىڭ ئىراقنىڭ زىمىن پۈتۈنلىگىنى قوغداشقا تۇتىشىدىغانلىقى ئەگەر ئىراق بۆلۈنۈپ كەتسە ، بۇ خىل بۆلۈنۈشنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە يامرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved