ئەنگىلىيە ۋە گوللاندىيە ئالىملىرى ھەمكارلىشىپ يېڭىچە يالغاننى تەكشۈرۈش كىيىمىنى كەشىپ قىلدى، بۇ خىل كىيىم سوراق قىلىنغۇچىنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى بوغۇملىرىنىڭ ھەركىتىنى تەكشۈرۈپ ئۇنىڭ راست ياكى يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلالايدىكەن.سىناق نەتىجىسىدن قارىغاندا بۇ خىل كىيىمنىڭ توغرىلىق نىسپىتى 70% كە يەتكەن. بۇ كىيىم سوراق قىلىنغۇچىنىڭ كونىچە يالغاننى ئۆلچەش ئەسۋابىغا بولغان پىسخىكىلىق قورقۇنچىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ ھۆكۈمنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرىدۇ.
كونىچە يالغاننى ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ كەمچىللىكى كۆپ
يالغاننى ئۆلچەش ئەسۋابى يەنە كۆپ مىقدارلىق پىسخىكىلىق ئۆلچەش ئەسۋابى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كونىچە يالغاننى ئۆلچەش ئەسۋابى سېنزور ئارقىلىق ئادەمنىڭ ھەر تۈرلۈك فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرىلەيدۇ ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ئادەمنىڭ روھىي ھالىتىنى ئانالىز قىلىپ ئۇنىڭ راست ياكى يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.
ئادەتتە يالغاننى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ئۈچ تەرەپتىن ئادەمنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىشىنى ئۆلچەيدۇ تومۇر سوقۇشى، نەپەسلىنىشى ۋە تېرىنىڭ توك قارشىلىقى .تېرىنىڭ توكقا بولغان سەزگۈرلىكى راست يالغانغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى.
لېكىن كونىچە يالغاننى تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ توغرىلىق نىسپىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوراق قىلىنغۇچى ئۇنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش ئۈسكۈنىسى دەپ ئويلاپ قېلىپ ئىچىدە قورقۇنچ پەيدا بولىدۇ.
ۋە پىسخكىسىدا زور ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ ئۆلچەش نەتىجىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.دۇنيا مىقياسىدا ئامېرىكا يالغاننى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دۆلەت ، لېكىن ئۇنىڭ توغرىلىق نىسپىتىنىڭ تۆۋەنلىكى سەۋەبىدىن ياۋروپا ئەللىرىدە ئاللىبۇرۇن ئىشلىتىلىشتىن قالغان.
يېڭىچە يالغاننى ئۆلچەش ئەسۋابىغا 17سېنزور ئورنىتىلغان
كونىچە يالغاننى ئۆلچەش ئەسۋابىنىڭ كەمچىللىكىنىڭ كۆپلۈكى سەۋەبىدىن ئەنگىلىيە كامبىرج ئۇنۋېرسىتېتى,لەنكاستېر ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە گوللاندىيە ئۇترېچ ئۇنۋېرسىتېتىدىن كەلگەن تەتقىقاتچىلار بىر خىل پۈتۈن بەدەننى قاپلىغان
يالغاننى ئۆلچەش كىيىمىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇ كىيىم سوراق قىلىنغۇچىنىڭ پىسخىكىلىك بېسىمىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكەندىن سىرت يەنە سېنزورلار يىغقان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تۈرلىرىنىمۇ كۆپەيتكەن ،شۇ ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەل ھەر تەرەپلىمىلىك ئانالىز قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.
ئەنگىلىيە كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا بۇ خىل يالغاننى ئۆلچەش كىيىمىگە 17سېنزور ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ نەپەسلىنىش سۈرئىتى ،تومۇر سوقۇشى ،قان بېسىمى،قان ئايلىنىش مىقدارى،تەر چىقىش مىقدارى قاتارلىقلارنى ئۆلچەپلا قالماستىن يەنە ھەر سېكۇنتىغا 120 قېتىملىق سۈرئەت بىلەن سوراق قىلىنغۇچىنىڭ 23 بوغۇمىنىڭ ئۈچ ئۆلچەملىك ھەركىتىنى خاتىرىلەيدىكەن.
بوغۇملارنىڭ ھەركىتىنى ئۆلچەشنىڭ سەۋەبى شۇكى ، تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە ئادەم يالغان سۆزلىگەندە كەيپىياتنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە كۆڭلىدىكى تەشۋىش بوغۇملارنىڭ ئۇششاق ھەركىتىنى كۈچەيتىۋىتىدېكەن.
يالغاننى ئۆلچەش كىيىمى تېخىمۇ ئىشەنچلىك
يالغاننى ئۆلچەش كىيىمىنى سىناش باسقۇچىدا 180نەپەر سىناققا قاتناشقۇچى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ، بىر گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى يالغان گەپ قىلغان ، يەنە بىر گۇرۇپپىدىكىلەر راست گەپ قىلغان ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىدە يالغاننى ئۆلچەش كىيىمىنىڭ توغرىلىق نىسپىتى 70% كە يەتكەن، باشقا تۈردىكى سىناقتا توغرىلىق نىسبىتى 80% كە يەتكەن.كونىچە يالغاننى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى ئاران 60% بولۇپ ،ناھايىتى ئېنىقكى ئۇنى دېلو پاش قىلىشقا ئىشلىتىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.
ھازىرچە يالغاننى ئۆلچەش كىيىمىنىڭ باھاسى 46مىڭ دوللار. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار ھازىر بۇ كىيىمنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ لايىھەسىنى تۈزۈۋېتىپتۇ، بەلكىم XBOX قاتارلىق ئېلىكترونلۇق ئويۇن ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بەزى تېخنىكىلىرىنى ئىشلىتىپ يېڭىچە سېنزور لايىھەلەپ چىقىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ خىل يالغاننى تەكشۈرۈش كىيىمى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ھاۋايدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلىقئارالىق سېستىما ئىلمىي يىغىنىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.
![]() |
5-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچتە، سامسۇڭ Galaxy C5/C7 نى رەسمىي ئېلان قىلدى، بۇ مەخسۇس جۇڭگو بازىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتە، Galaxy C5/C7 نىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بۇندىن بۇر...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved