بەدەن شەكلىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كىيىم ئارقىلىق يېپىش
18-12-2014
0
542
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
thumb

كىيىم-كېچەك كىيىشتىكى مەقسەت بەدەننىڭ ھارارىتىنى ساقلاش، بەدەننى يېپىپ بەدەن شەكلىنىڭ ئەڭ گۈزەل قىسمىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بەدەندىكى بەزىبىر يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئادەم ئۆز بەدەن شەكلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن يېتەرسىزلىكلىرىنى چۈشىنىشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا بەدەن شەكلىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى مۇۋاپىق كىيىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېپىپ كەتكىلى بولىدۇ. بېلى بەك ئىنچىكە ئاياللار ئۇزۇن يەڭلىك كىيىم كىيىشى كېرەك. يەڭ ئۇزۇنلۇقى ئادەتتە قول بوغۇمىنى ياپسا مۇۋاپىق بولىدۇ.

 

قاتلاق يەڭلەرمۇ بېلى ئىنچىكىلەرگە ماس كېلىدۇ، ئەمما قاتلىقى بەك زىچ بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەگەر يەڭسىز كىيىم-كېچەك كىيىشكە توغرا كەلسە، كىيىمنىڭ يېڭى ئەڭ ياخشىسى مۈرىنى يېپىپ تۇرسا بولىدۇ. شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ ئىنچىكە بىلەيزۈك تاقاش كېرەك. ئاسما ياكى قىيپاش مۈرىلىك كىيىم-كېچەك كىيىشتىن ۋە توم بىلەيزۈك تاقاشتىن ساقلىنىش كېرەك. بىلەك قىسمى بەك توم ئاياللار بەدىنىگە بىر ئاز ھىم كېلىدىغان كىيىم كىيىشى، يەڭنىڭ ئۇچى كەڭرەك بولۇشى، گۈللۈك توقۇلما ياكى يىپەك رەختلىك ئۇزۇن مۈرە ياپقۇچ بىلەن مۈرە ۋە بىلەك قىسمىنى يېپىۋېلىشى، ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ شەكلى كۆركەم چوڭ بىلەيزۈك تاقىۋېلىشى كېرەك.

 

بىلىكى بەك قىسقا ئاياللار كىيىمنىڭ يېڭىنى ئادەتتىكىدىن بىرەر سانتىمېتىر ئۇزۇنراق تىكتۈرۈشى كېرەك. ئۇندىن باشقا يەنە بەك قىسقا ۋە ئۇششاق قاتلاق يەڭلىك كىيىملەرنى كىيىشتىن ھەم خالىغان بىلەيزۈكلەرنى سېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. بىلىكى ئۇزۇن ئاياللار يېڭى قىسقا ياكى جەينىكىنى يېپىپ تۇرىدىغان يەڭلىك كىيىملەرنى تاللىشى، يەڭ كەڭ-كۇشادە، ئۇچى مانجىتلىق بولۇشى كېرەك. بۇنداقلار يەڭسىز كىيىم كىيىشتىن، يەڭنىڭ بەك ئۇزۇن ياكى بەك قىسقا بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىشى، شۇنداقلا تىرناققا قېنىق رەڭلىك لاك سۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. غولى بەك كەڭ ئاياللار ئالدىدا ۋېتىشكىسى بار، ئەمما دۈمبە تەرىپىدە ھېچقانداق پاسونى يوق تۈز سىزىقلىق كىيىم كىيىشى، كىيىمنىڭ تاسمىسى كەڭرەك بولۇشى، چاچنىڭ ئۇزۇنلۇقى مۈرىگە چۈشۈپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنداقلار توغرا سىزىقلىق ئۈستۈنكى كىيىم، بەدەنگە ھىم كېلىدىغان مايكا ياكى پوپايكا كىيىشتىن ساقلىنىشى، سىرتقى كىيىمنىڭ مۈرىسىگە مۈرىلىك قويماسلىقى، ھەرخىل ئۇلانما، كېپىنەكسىمان كىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك. غولى تار ئاياللار كەڭ-كۇشادە، ئالدىغا بىر نەچچە قاتار كەڭ گىرۋەك تۇتۇلغان ئۈستۈنكى كىيىم، توغرا سىزىقلىق، كەشتىلەنگەن ۋە گۈللۈك كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىشى، كىيىملەرنىڭ مۈرە بىلەن يەڭ ئۇلىشىدىغان قىسمى بىر ئاز كەڭ-كۇشادە بولۇشى كېرەك. بۇنداقلار توق رەڭلىك، يەڭسىز ياكى قىيپاش مۈرىلىك، ئالدىغا ۋىتىشكا ئېلىنغان ئۈستۈنكى كىيىملەرنى كىيىشتىن ۋە بېلىگە كەڭ بەلۋاغ تاقىۋېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. كۆكرەك قىسمى بەك چوڭ ئاياللار كىيىملەرنىڭ كۆكرەك قىسمىغا ئامال بار گۈل كەلتۈرمەسلىكى، ياقا تۇخۇم شەكىللىك، V شەكىللىك ياكى چاسا شەكىللىك بولۇشى كېرەك.

 

كۆكرەك قىسمىغا جىيەك تۇتماسلىقى، قاتلاق ياكى يانچۇق قويۇشتىن ساقلىنىشى، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئاسان تارتىدىغان پارقىراق مارجانلارنى تاقىماسلىقى، بەدەنگە ھىم كېلىدىغان، بېلى ئېگىز ئېلىنغان ياكى قوش قاتار تۈگمىلىك كىيىملەرنى كىيمەسلىكى، كىيىملەرنىڭ رەڭگى بەك ئوچۇق بولماسلىقى كېرەك. كۆكرەك قىسمى بەك كىچىك ئاياللار تۈز سىزىقلىق ياكى سۇس بۆلۈش چېكى يوق، ئالدى ئېتىك پوپايكا ھەم بەدەنگە ھىم كېلىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىكى كېرەك. كاسسىسى ياپىلاق كەلگەن ئاياللار كاسسا قىسمىنى تولۇق ياپىدىغان سىرتقى كىيىملەرنى كىيىشى، كىيىمنىڭ بەل ئايلانمىسى ھىم كېلىشى، يوپكا ياكى شىمنىڭ ئىككى يېنىغا يانچۇق ياكى گۈللۈك جىيەك قويۇشى كېرەك. بۇنداق ئاياللار ھىم كېلىدىغان شىم ياكى تار يوپكا كىيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. كاسا قىسمى سېمىز ئاياللار كاسا قىسمىنى ياپىدىغان ئۈستۈنكى كىيىملەرنى كىيىشى، ئۈستۈنكى قىسمىغا گۈللۈك كىيىملەرنى كىيىپ، سۇس رەڭلىك يوپكا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك.



خەتكۈچلەر:
18-12-2014
0
542
يازغۇچى: ئۇچقۇچى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-03-2015
0
78
thumb
2015-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا خانقىزى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 29-مارت جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ قۇياش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. 23 ياشلىق ھەدىدىن تاشقىرى مودېل لاۋلى چېمپيونلۇققا ئېرىشىپ، 2015-يىللىق جەنۇبىي ئافرىقا خانقىزى شەرىپىگە مۇيەسسەر بولدى. دىن مۇ...
29-03-2015
0
123
thumb
شىياڭگاڭ خەلقئارا يەتتە كىشلىك زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى باشلاندى، مەستانىلەر غەيرىي كىيىپ پەيدا بولدى 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، جۇڭگو شىياڭگاڭ، 2015-يىللىق شىياڭگاڭ خەلقئارا يەتتە كىشلىك زەيتۇن توپ مۇسابىقىسى شىياڭگاڭ چوڭ تەنتەربىيە مەيدانىد...
27-03-2015
0
271
thumb
ئەنگلىيە ‹‹ كۈندىلىك پوچتا گېزىتى ›› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېكخامنىڭ ئايالى ۋېكتورىيە تېرىسىنى ئاسراشتا بۇلبۇلنىڭ مايىقىنى ئىشلىتىدىكەن. بۇ خىل ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ۋېكتورىيە ياپونىيەگە بارغاندا سىناپ ك...
23-03-2015
0
548
thumb
كۆپلىگەن كىشىلەر تېلېۋىزور ياكى ژۇرناللاردىكى ئېلانلارغا چىققان چولپانلارنىڭ سۈرەتلىرىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ چىرايلىق بەدەن شەكلىگە، سۈزۈك تېرىلىرىگە ھەۋەس قىلىدۇ، ئەمما ھەقىقەت ھەقىقەتەن بىز كۆرگەندەك شۇ ھالەتىتىمۇ ؟ يېقىندا، ئامېرىكىلىق ناخش...
23-03-2015
0
298
thumb
ئەسسىلامۇئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىدىن تارقىتىلىۋاتقان «ئۈزۈلمەس مېلودىيە» پىروگراممىسىنىڭ 21-مارتتىكى نورۇزلۇق ئالاھىدە پىروگرامىسىدا ئەل سۆيگەن سەنئەتكارىمىز ھوشۇر قارى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئالاھىدە ...
19-03-2015
0
496
thumb
ھازىرقى دەۋىردىكى ئاياللار بىلەن ئەرلەرنىڭ چىرايى تاش قۇراللار دەۋرىدىن بۇيان ئىنسانلارنىڭ چىرايىدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئۇنداقتا نەچچە ئون مىڭ يىلدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ سىرتقى قىياپىتىدا يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ ؟ ئەنگىلىيە &lsaqu...
19-03-2015
0
278
thumb
فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىرانسىيە خەلق سوتسىيالىستلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى، روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى ئولىۋېر ۋىلان دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇپ، زىيادە ئورۇق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدىغانلارنىڭ مودېللىق بىلەن شۇغۇللىنىشى...
19-03-2015
0
216
thumb
بىرازىلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرازىلىيەلىك 34 ياشلىق دۇنياغا داڭلىق مودېل GiseleBundchen كېلەر ئاي بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سان پاۋلو كىيىم-كىچەك ھەپتىلىكىدىن كېيىن مودېل سەھنىسى بىلەن خوشلىشىدىكەن. GiseleBundchen ئېقىم...
16-03-2015
0
322
thumb
ئەتىياز كېلىشى بىلەن كىشىلەر قىشلىق كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، يېنىك، رەڭدار ئەتىيازلىق كىيىملىرى بىلەن گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدۇ، ئۇنداقتا سىز ئېقىم ئەھلىلىرىنىڭ ئەتىيازدا قانداق كىيىنىپ، نېمىلەرنى مودا قىلىۋاتقىنىنى بىلگىڭىز بارمۇ ؟ چەت ئەل ...
14-03-2015
0
561
thumb
بالىسى دادىسىدىن سوراپتۇ: —دادا، 1 بىلەن 20 دىن قايسىسى چوڭ؟دادىسى: —ئەلۋەتتە 20 چوڭ بولىدۇ-دە.بالىسى: —ئۇنداقتا ياخشى، مەن بۇگۇنكى ماتېماتىكا ئىمتېھانىدا 20 نومۇر ئاپتىمەن.  ----------------------- مائاش ئۆستۈرۈش ...
Powered by Leglek