باشقىلارنى كەچۈرۈش، ئەمەلىيەتتە، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشتۇر.
1. ماندىلا 27 يىل قامىلىپ، نۇرغۇن خورلۇقلارنى تارتقان. ئۇ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغا چىققاندىن كېيىن، بۇرۇن ئۇنى خورلىغان گۇندىپاينى تەكلىپ قىلغان. ماندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارغا سالام بەرگەندە، پۈتۈن مەيدان ھەتتا پۈتۈن دۇنيا سۈكۈتكە چۆمگەن. ئۇ:« مەن تاماقخانىدىن چىقىپ، ئەركىنلىككە تۇتاشقان تۈرمىنىڭ دەرۋازىسىغا قەدەم ئالغىنىمدا، مەن ئەگەر ھەسرەت ۋە نەپرەتلەرنى كەينىمگە تاشلىۋەتمىسەم، مەن يەنىلا تۈرمىدە ئىكەنلىكىمنى چۈشىنىپ يەتتىم دېگەن.»
مۇۋەپپەقىيەتلىك تىرىشچانلىق، يېڭىلىق يارىتىشتىن باشقا يەنە بىر دوستى-خەۋپ تۇيغۇسى.
2. 14 ياشلىق لى جىياچېڭ ئۆزىنىڭ «سەرگەردان» مال سېتىش ھاياتىنى باشلىغان، شۇنىڭدىن باشلاپ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتكەن. ئۇ ئۇدا 15 يىل جۇڭگو ئەڭ چوڭ بايلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ مۇنداق خىزمەت قىلىدۇ: مەيلى نەچچە بىلەن ئۇخلىشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم سەھەر سائەت 5 تىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە ئورنىدىن تۇرىدۇ. ئاندىن ئۇ خەۋەر ئاڭلاپ بىر يېرىم سائەت گولف توپ ئوينايدۇ. ئۇ ئەڭ مۇھىمى ھەر بىر قېتىم توپنى ئۇرغاندا چوقۇم سەگەك، پىلانلىق بولۇش كېرەك دەپ قارايدۇ. چوقۇم كۈندە سائەت ئالتىدە ئىشتىن چۈشىدۇ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن چەتكە تېلفۇن ئۇرغاندىن باشقا يەنە ئىككى تۈرلۈك ئىشى بولۇپ : خەت چىقىدىغان ئىنگلىزچە پروگراممىغا ئەگىشىپ ئۈنلۈك ئوقۇش، ھەمدە كەچتىكى كىتاب ئوقۇش. بۇ ئىككىلا خىزمەت ئۇنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشلىرىدىن بىخەۋەر قېلىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تۆت ئەتراپىڭىزدا يول قالمىغاندا، تەقدىر چوقۇم سىزنى «ئۇچسۇن» دەپ مەدەت بېرىۋاتىدۇ.
3. يېڭى ئىگىلىك تىكلەۋاتقان پەيتلەردە قىز دوستىنىڭ يۈز ئۆرۈشى؛ قۇرغان شىركىتىنىڭ مەغلۇب بىلەن ئالاقىلىشىشى، باشقىلار تەرىپىدىن «ئەخلەت كىنو چولپىنى» دەپ ھاقارەتلىنىشى؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئۇ بەل قويۇۋەتمىگەن، خۇددى بىر مەڭگۈ توختىمايدىغان ماتورغا ئوخشاش. بۈگۈنكى لىيۇ دېخۇا قارىماققا ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدىغان روھىي بايراققا ئوخشايدۇ. ھەممە تاراتقۇلار تەرىپىدىن ئىلاھلاشتۇرۇۋېتىلگەن بۇ سەنئەتكارنى ئۇلار، تىرىشچان، ئەسكى ئىش قىلمايدۇ، يېمەي، ئىچمەي، ئۇخلىماي، نەپەس ئېلىپلا 52 ياشقا كىردى دەپ مۇبالىغە قىلىشىدۇ.
كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى ئاجىزلىقنى تۇتىۋالغاندا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
4.بىر ياشانغان ئادەم تىنچ مۇھىتنى ياخشى كۆرۈدىكەن، لېكىن ئەتراپتا داۋاملىق كىچىك بالىلار ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بەك قۇلىقىنى ئاغرىتىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىلارنى چاقىرىپ كېلىپ :« مېنى بۇ يېرىم بەك جىمجىت ئىدى، سىلەرنىڭ بۇ يەرنى ئاۋاتلاشتۇرغىنىڭلارغا رەھمەت» دەپتۇ ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئۈچتىن كەمپۈت بېرىپتۇ. بالىلار شۇنىڭدىن كېيىن كۈندە بۇ يەرگە كېلىپ ئوينايدىغان بولۇپتۇ. نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ھەر بىر بالىغا ئىككىدىن كەمپۈت بېرىپتۇ، كېيىن پەقەت بىردىنلا بېرىپتۇ، ئەڭ ئاخىرىدا بەرمەپتۇ. بالىلار ئاچچىقلانغىنىچە :«ئەمدى ھەرگىز بۇ يەردە ئويناپ سىزگە ئاۋاتلاشتۇرۇپ بەرمەيمىز» دەپ كېتىپ قاپتۇ. بۇ ئادەم تىنچ قاپتۇ.
خېرىدارلار ئۈچۈن ۋاقىتنى تېجەپ بەرسىڭىز، پۇل ئاندىن ئىتتىكرەك كىرىدۇ.
5.كەچلىك بازاردا ئىككى چۆپ ساتىدىغان يايما بولۇپ، ئىككى يايمىنىڭ ئورنى يېقىن ئىكەن. بىر يىلدىن كېيىن، بىرىنچى يايمىكەش پۇل تېپىپ ئۆي ئاپتۇ، لېكىن ئىككىنچى يايمىكەش كۆپ پۇل تاپالماپتۇ. نېمىشقا؟ ئەسلىدە، ئىككىنچى يايمىنىڭ سودىسى ياخشى بولسىمۇ، ھازىرلا پىشۇرغان چۆپ بەك قىزىق بولۇپ، خېرىدارلار 15 مىنۇتتا ئاران بىر قاچىنى يەپ بولىدىكەن. لېكىن بىرىنچى يايمىكەش، پىشۇرغان چۆپنى سوغۇق سۇغا ئوتتۇز سېكۇنت چىلىۋېتىپ ئاندىن خېرىدارلارغا بېرىدىكەن.
ئەگەر خوجايىنىڭىز سىزنى بولسىمۇ بولمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىسا سىز چوقۇم ئىشتىن قوغلىنىش ئالدىدا.
6. ئىككى ئات بىر ھارۋىنى سۆرەپتۇ. بىر ئات ئىتتىك مېڭىپتۇ، يەنە بىر ئات ئاستا مېڭىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئارقىدىكى يۈكلەرنىڭ ھەممىنى ئالدىغا يۆتكەپتۇ. ئارقىدىكى ئات كۈلۈپ تۇرۇپ:« كۆردۈڭمۇ؟ قانچە تىرىشقانچە شۇنچە قىيىنىلىسەن !» كىم بىلسۇن، ئىگىسى ئويلاپ بېقىپ بىر ئات بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرەلىگەندىن كېيىن، ئىككى ئات بېقىپ نېمە قىلىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن ھۇرۇن ئاتنى ئۆلتۈرۈپ يەۋېتىپتۇ. مانا بۇ ئىقتىساد ئىلمىدىكى ھۇرۇن ئات ئېففېكتىسى.
قۇربان بېرىشنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنى خالىمايدىغان ئادەم، ھېچنېمىنى باشقا ئېلىپ چىقالماسلىق ئۇلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تەبىئىي ئىشتۇر.
7. بىر ئادەم دېھقاندىن :« بوغداي تېرىدىڭىزمۇ» دەپ سوراپتۇ، دېھقان: «ياق، مەن يامغۇر يېغىشىدىن ئەنسىرەيمەن». ئۇ ئادەم يەنە سوراپتۇ:« كېۋەز تېرىدىڭمۇ؟»، دېھقان: « ياق، مەن قۇرۇتلارنىڭ كېۋەزنى يەپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمەن». ئۇ ئادەم:« ئۇنداقتا سەن نېمە تېرىدىڭ؟». دېھقان: « ھېچنېمە، مەن بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشىم كېرەك».
داۋاملىق باشقىلارنىڭ يولىدا ماڭغاندا، ئۆزىنىڭ يولىنى توسۇپ قويىدۇ.
8.بىر كەنتتە، بىر سودىگەر بىر ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ ھەمدە سودىسى شۇنداق ياخشى بوپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىرى كېلىپ تاماقخانا ئېچىپتۇ، يەنە بىرى تاللا بازار ئېچىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەر ئاۋاتلىشىپتۇ. يەنە بىر كەنتتە، بىر سودىگەر ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ، سودىسى شۇنداق ياخشى بولۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىرى كېلىپ يېنىغا يەنە بىر ماي قاچىلاش پونكىتى ئېچىپتۇ، يەنە بىرى يەنە بىرنى ئېچىپتۇ...شۇنداق قىلىپ ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى دۇكانلىرىنى تاقىشىپتۇ.
ئەگەر سىز ھەممە ئىشلارنى گۈزەل بولسۇن دېسىڭىز ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزدىن باشلاڭ.
بىر قاغا ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ بىر كەپتەرگە ئۇچراپ قاپتۇ. كەپتەر قاغىدىن نەگە ماڭغانلىقىنى سوراپتۇ. قاغا: مېنىڭ كەتكۈم يوق ئىدى، لېكىن كۆپچىلىك مېنى ئاۋازىڭ بەك سەتكەن دېيىشىدۇ، شۇڭا مەن بۇ يەردىن ئايرىلماقچى. كەپتەر قاغىغا: قۇرۇق كۈچىمە!
ئەگەر سەن ئاۋازىڭنى ئۆزگەرتمىسەك، مەيلى نەگىلا بارما قارشى ئېلىنمايسەن. دەپتۇ.
ئەگەر باشقىلار سىزگە تاش ئاتسا سىز قايتۇرۇپ ئاتماڭ، ئۇنى چوڭ ئىمارەتلەرنى سېلىشقا ئىشلىتىڭ.
ھەقىقىي تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىدىغىنى بىزنىڭ پۇرسىتىمىز ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ پوزىتسىيىمىز.
ھايات بوران-چاپقۇنلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىشىنى ساقلاش ئەمەس، بەلكى بوران-چاپقۇنلاردا ئۇسسۇل ئويناشنى ئۆگىنىشتۇر.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved