پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
【مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى 2-0 رىم كۇلۇبى. ئۆلۈم گۇرۇپپىسى سىزىقىدىن ئوڭۇشلۇق چىقتى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئايننڭ 11-كۈنى 3:45 ئۆتكەندە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرىقى ئايلانمىسىدىكى ھايات ماماتلىق جەڭلەر باشلاندى.قىزىل بۆرە رىم كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيۇنى مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى كۈتىۋالدى. ناسىرى كېينكى يېرىم مەيداندا يىراقتىن دولقۇنسىمان توپ كىرگۈزدى. ھەم 85 مىنۇت بولغاندا بارىتا نىڭ توپ كىرگۈزۈشىگە ياردەمچى پاس بەردى. ئاخىرىدا مانچىستىر شەھىرى كۇلۇبى مېھمان مەيداندا رىم كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ كىچىك گۇرۇپپىدىن چىقتى. رىم كۇلۇبى بولسا شاللىنىپ كەتتى.
【بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى 3-0 مەركىزى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كۇلۇبى. مۇللېر توپ كىرگۈزۈپ يېڭى رېكورت ياراتتى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئايننڭ 11-كۈنى 3:45 ئۆتكەندە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ E گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرىقى ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىسى بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا رىبىرى نۇقتا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى. مۇللېر نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن مۇللېر 24 توپ بىلەن بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى تارىخىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشقش مۇسابىقىسىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگەن توپچى بۇلۇپ قالدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا رود كاللا توپ كىرگۈزدى. گوتىزمۇ بىر روپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا بايرىن مىيۇنخېن كۇلۇبى 3-0 نەتىجە بىلەن مەركىزى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ گۇرۇپپىدىن چىقتى.
【بارسېلونا كۇلۇبى 3-1 پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبى. مېسسى، نېيمار، سۇئارىز ( MSN ) ئۈچى بىردىن توپ كىرگۈزدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئايننڭ 11-كۈنى 3:45 ئۆتكەندە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ F گۇرۇپپىسىنىڭ ئاخىرىقى ئايلانمىسى ئىككى كۈچلۈك رەقىبلەرنى ئۇچراشتۇردى. بارسېلونا كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىنى كۈتىۋالدى. 15 مىنۇت بولغاندا ئىبراھىموۋىچ بىر توپ كىرگۈزدى. ئۇنىڭدىن كېيىن مېسسى، نېيمار، سۇئارىز قاتارلىقلار ئارقا ئارقىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا بارسېلونا كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن پارىژ سانت گېرمان كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ كىچىك گۇرۇپپىنىڭ بېشى بۇلۇپ سىزىقتىن چىقتى.
【چېلسىي كۇلۇبى 3-1 لىسبون رىقابەت كۇلۇبى. فابرىگاس توپ كىرگۈزدى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئايننڭ 11-كۈنى 3:45 ئۆتكەندە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇسابىقىسى چېلسىي كۇلۇبىنىڭ ئۆز مەيدانىدا لىسبون رىقابەت كۇلۇبى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى. چېلسىي كۇلۇبىدىن فابرىگاس، چۇرلى، مىكول قاتارلىقلار بىردىن توپ كىرگۈزدى. سىلۋا لىسبون ئۈچۈن بىر توپ قايتۇرۋالدى. ئاخىرقدا چېلسىي كۇلۇبى 3-1 نەتىجە بىلەن لىسبون رىقابەت كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلىپ كىچىك گۇرۇپپىنىڭ بېشى بۇلۇپ 16 كۈچلۈككە كىردى.
【ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى ئومۇمىي ئۇچۇرلار: سالكى كۇلۇبى خەتەرلىك ھالدا كىچىك گۇرۇپپىدىن چىقتى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئايننڭ 11-كۈنى 3:45 ئۆتكەندە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ھەممە مۇسابىقىسى بىردەك باشلاندى. سالكى كۇلۇبى مېھمان مەيداندا ئاران رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىپ كىچىك گۇرۇپپىدىن چىقتى. ئاجاكىس كۇلۇبى ئۆز مەيدانىدا گىرىتسىيلىكلەر رىقابىتى كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى. بولتۇ كۇلۇبى رەقىبى بىلەن تەڭلەشتى. بىلباۋ رىقابەت كۇلۇبى 2-0 نەتىجىدە بورىسوف كۇلۇبىنى مەغلۇپ قىلدى.
【ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى 16 كۈچلۈك كوماندا : گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى تۆت كوماندا ھەممىسى كىچىك گۇرۇپپىدىن چىقتى.】
بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئايننڭ 11-كۈنى 3:45 ئۆتكەندە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 6-مۇسابىقە كۈنىدىكى ئاخىرىقى تۆت مەيدان مۇسابىقە ئاخىرىلاشتى. ياۋروپا ئۇزغۇنلۇقى 16 كۈچلۈك كوماندا مەيدانغا كەلدى. گېرمانىيە بىرلەشمىسىدىكى تۆت كوماندىنىڭ ھەممىسى 16 كۈچلۈككە كىردى.
【ئاياللار پۇتبولى بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى: جۇڭگۇ1-1 ئامېرىكا】
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved