جاھان ئاگېنتلىقى 16-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىىسردا ئۆتكۈزۈلگەن ئىقتىساد يىغىنىدا مىسىرغا 60 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش قارارى ئېلىنغان بولۇپ، سىسى 90مىليون مىسىر خەلقىگە ئەمەلىي بىرلا ئۈمىدنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن 200-300 مىليارد دوللار كىرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
مىسىرنىڭ شەرم شەيىخ رايۇنىدا ئۆتكۈزۈلگەن «كەلگۈسى مىسىر» باش تىما قىلىنغان ئىقتىساد يىغىنىنىڭ تاقىلىشى ئارلىقىدا مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى سۆز قىلىپ، «90 مىليون مىسىر خەلقىگە بىر ئۈمىد پەيدا بولۇشى ئۈچۈن دۆلەت سېلىنىدىغان مەبلەغنىڭ 200-300 مىليارد دوللاردىن كەم بولماسلىقى كىرەك» دېدى. سىسى ياردەم بېرىش يىغىنىنىڭ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈشى كىرەكلىكىنى ئېيتتى. مىسىر باش مىنىستىرى ئىبراھىم مىخلىب، يىغىندا جەمئىي 60 مىليارد دوللار ئەتراپىدا خەلىقئارا كېلىشىم ۋە پىلان ئىمزالانغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئىبراھىمنىڭ ئېيتىشىچە؛ بۇ ساننىڭ 36.2 مىيارد دوللىرى بىۋاستە مەبلەغ، 5.2 مىليارد دوللىرى خەلقئارا ئورگانلار ۋە شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا ياردەم، 18.6 مىليارد دوللىرى بولسا ئالاھىدە ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان پىلان.
ئىبراھىم، قاتناشقۇچى دوست دۆلەتلەرگە رەھمەت ئېيتىپ، يىغىننىڭ غەلبىلىك ئاياغلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانىنى كۆزىتىش ئۈچۈن مىنىستىرلاردىن تەشكىللەنگەن بىر كومىتىتنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، دۆلەتنىڭ يولسۇزلۇقلاردىن تازىلىنىشى ۋە نىشانلىرىنى روياپقا چىقىرىشتا ھېچبىر سەل قاراشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «تېرورغا قارشى كۈرەشتە ئارمىيە ۋە ساقچى تەشكىلاتىمىز يىتەرلىك كۈچكە ئىگە. ۋەتىنىمىزنى بارلىق ھۇجۇملارغا قارشى مۇداپىئە قىلىمىز. بۇ نوقتىدا قارىلاشتىن يىراق، ئەيبلەشلەرگە ئىشىكىمىز ئوچۇق».
مىسىرغا خەلقئارالىق مەبلەغنىڭ كىرگۈزۈلۈشىنى نىشان قىلىپ ئۆتكۈزۈلگەن «كەلگۈسى مىسىر» نامىدىكى ئىقتىساد يىغىنى، نۇرغۇنلىغان دۆلەت رەھبەرلىرى، مىسىتىر ۋە خەلقئارالىق شىركەتلەرنىڭ خادىملىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 13-مارتتا باشلانغان ئىدى.
ئەنگىلىيە «British Petroleum» شىركىتى، گېرمانىيە «Siemens» قا ئوخشاش كاتتا شىركەتلەرمۇ مىسىرغا مەبلەغ سېلىشقا تەييارلىنىۋاتىدۇ.
مىسىر ئىقتىسادى قىيىنچىلىقتىن ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى چىقالمىغان بولۇپ، 2013-يىلى 3-ئىيۇل ھەربى ئۆزگىرىشىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مىليارد دوللارلىق ياردىمى بىلەن پۇت دەسسەپ تۇرماقتا. ئۆزگىرىشتىن كېيىن نۇرغۇن قېتىم ياۋرۇپا ئەللىرىدە كۈتۈۋېلىنغان مىسىر پرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ سىسى، بۇ دۆلەتلەرگە مىسىرغا ياردەم قىلىشى ھەققىدە چاقىرىق قىلغان.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved