11-ئاينىڭ 27-كۈنى، چىڭداۋ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بويىچە جاۋابكار لى دېبىننى ئەيىبلىگەن.
بۇ يىل 6-ئايدا چىڭداۋ ساقچىلىرى بىر كۈن ئىچىدە ئىككى ئايالنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. بۇندىن بەش كۈن بۇرۇن چىڭداۋ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى تەرەققىيات رايونى شۆبە ئىدارىسى ئارقا-ئارقىدىن بۇ ئىككى نەپەر ياش قىزنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرۇلۇق دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان.
تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ دېيىشىچە، لى دېبىن 2015-يىل 6-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچ سائەت 10:00 دا، موتوسىكلىت ھەيدەپ ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونى ئالدىدىكى ۋەنگاڭ يولى بىلەن كەيتو يولى كېسىشىدىغان جايغا كەلگەندە ئۆزى يالغۇز ماڭغان پاڭ x نى كۆرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ كەينىگە كىرىۋېلىپ تەھدىت سالغان. كېيىن پاڭ x قېچىپ كەتمەكچى بولۇپ قاتتىق ۋارقىرىغان، لى دېبىن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، ھەمدە ئاق كۆپۈكلۈك تاختا بىلەن جەسەتنى يېپىپ قويۇپ نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن.
شۇ ئىشتىن ئالتە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچ سائەت 9:30 ئەتراپىدا، لى دېبىن بۇلاڭچىلىق قىلىشنى پىلانلىغان، ھەم ئۆزى يالغۇز ماڭغان جىن × گە ئەگىشىپ تەرەققىيات رايونى تەيخاڭشەن يولى بويىدىكى بىر پىيادىلەر يولى ئەتراپىغا كەلگەندە، جىن × يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن سومكىسىنى بۇلىماقچى بولغان. جىن × نىڭ قارشىلىق كۆرسىتىشىگە ئۇچرىغان لى دېبىن ئۇنى يول چېتىدىكى كۆكەرتىش بەلبېغى ئىچىگە سۆرەپ ئەكىرىپ ئۆلتۈرۋاتقان، ھەمدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ قىممىتى بەش مىڭ يۈەندىن ئاشىدىغان بىرىليانت كۆزلۈك ئۈزۈك، ئالتۇن ئۈزۈك، مارجان، بىلەيزۈك قاتارلىق بۇيۇملار ۋە بىر قىسىم نەق پۇلنى ئېلىۋالغان .
ئەتىسى چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 دە، لى دېبىن يەنە بىر قېتىم بۇلاڭچىلىق قىلىشنى پىلانلاپ، تەرەققىيات رايونى جىڭگاڭشەن يولى بويىغا جايلاشقان بىر كىيىم كېچەك دۇكىنىغا كەلگەن، دۇكان خوجايىنى جاڭ دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ بوينىنى بوغقان. لېكىن باشقىلار دۇكان ئىچىگە كىرىپ قېلىپ مەقسىتىگە يېتەلمىگەن، لى دېبىن بۇلاڭچىلىق نەق مەيداندىن قېچىپ يۇرتى خېيلۇڭجياڭغا قايتىپ كەتكەن
7-ئاينىڭ 7-كۈنى كۈنى كەچ سائەت 9:00 دا، لى دېبىن چىڭداۋ شەھىرىدىكى ساقچىلار تەرىپىدىن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى خاربىن شەھىرى خۇلەن رايونىدىكى بىر مېھمانخانا ئىچىدە قولغا چۈشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 30 ياشقا كىرگەن لى دېبىن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى شاڭجى شەھىرىدە تۇغۇلغان. 2002-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى، 18 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە بۇلاڭچىلىق قىلىش جىنايىتى، ،قانۇنسىز قورال-ياراغ ساقلاش جىنايىتى، ئوت قويۇش جىنايىتى بىلەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى لىنچۈ ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 18 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى جازا كېمەيتىپ قويۇپ بېرىلگەن.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved