ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيا ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى بىلەن جامائەتچىلىكىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ۋە رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ رايونىدىكى چەتئەل كارخانىلىرى ۋە شىركەتلىرى ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. جامائەتچىلىك كاتالونىيانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش تەدبىرى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمايدۇ، دەپ ھېسابلىدى.
27-سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيا ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى بۇيرۇق ئىمزالاپ، 11-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى جاكارلىدى. ئىسپانىيەنىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى ئارقىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن تەرتىپ ئارقىلىق كاتالونىيا ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇشنى توسىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمەلىيەتتە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئىسپانىيە پارلامېنتى كۆپ سانلىق ئاۋازنىڭ قوللىشىدەك نەتىجە بىلەن كاتالونىيا ئاپتونوم رايونى پارلامېنتى ئوتتۇرغا قويغان مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى ئىنكار قىلغان ئىدى. بىراق 20-سېنتەبىر، كاتالونىيا پارلامېنتى يىغىن ئىچىپ ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مەزكۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش توغرىسىدىكى قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىدى.
ئىسپانىيەنىڭ باش ۋەزىرى راخوي كاتالونىيانىڭ مۇستەقىللىق توغرىسىدا ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش بىر سۇيىقەست دېگەن ئىدى. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە كاتالونىيانىڭ مۇستەقىل بولۇشدىكى سىياسىي، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي شارائىتى تېخى ھازىرلانمىدى، بۇ رايوننىڭ مۇستەقىل بولۇش توغرىسىدا داۋراڭ سېلىشى، 1-دىن، كاتالونىيا رايونىدىكى زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى بۇراش، 2-دىن، مەركىزى ھۆكۈمەتدىن تېخىمۇ كۆپ ئېتىبار بېرىش سىياسىتىگە ئېرىشىپ، تېخىمۇ چوڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىشدىن ئىبارەت.
2012-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، كاتالونىيا ئاپتونوم رايونى يەرلىك پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزدى، مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلغۇچى پارتىيە بولغان ئىتتىپاقلىقىنى بىرلەشتۈرۈش پارتىيەسى سايلامدا مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازغا ئېرىشەلمەستىن، يەنە سايلامدا 12 ئورۇننى قولدىن بېرىپ قويدى. بۇ يەرلىكتىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى سايلىغۇچىلارنىڭ كاتالونىيانىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىمايدىغانلىقىدىن دېرەك بەردى.
كۆزەتكۈچىلەر مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: كاتالونىيا ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ماسنىڭ مۇستەقىللىق شوئارنى توۋلىشى، بىر تەرەپتىن سىياسىي جەھەتتىن ئويلىغاندا، ئاز ساندىكى سايلىغۇچىلارنىڭ مۇستەقىللىق ئارزۇسىغا ياقىدۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاساسلىق زىددىيەتنى يوشۇرۇش ۋە سىياسىي كاپىتالغا ئېرىشىش ئۈچۈن. چۈنكى ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئاپتونوم رايون ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندىكى يۇقىرى قەرز، يۇقىرى ئىشسىزلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق.
ئىسپانىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان كاتولونىيە ئاپتونوم رايونى ئىسپانىيەدىكى ئەڭ باي رايونلارنىڭ بىرى، بىراق بۇ رايوننىڭ قەرزىمۇ مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. ئىقتىسادىي كرىزىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، بۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى تۆۋەنلەپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى %22 گە يېتىپ، تەخمىنەن 700 مىڭ كىشى ئىشسىز قالدى. پۇل پاخاللىقىنىڭ نىسبىتى % 3 دىن ئېشىپ كەتتى. 2010-يىلى كاتالونىيا ئاپتونوم رايونىنىڭ قەرزى 2003-يىلدىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئېشىپ،34 مىليارد 200 مىليون ياۋروغا يەتتى. 2014-يىلى كاتالونىيا ئاپتونوم رايونىنىڭ قەرزى يەنىمۇ كۆپىيىپ 45 مىليارد 200 مىليون ياۋروغا يەتتى.
كاتالونىيانىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى ئىسپانىيە كارخانا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىدى. كاتالونىيادىكى تەخمىنەن %40 چەتئەل تاشقى سودا كارخانىلىرى، ئەگەر كاتالونىيا مۇستەقىل بولىدىغان بولسا، ئۆزلىرىنىڭ بۇ رايونىدىكى كارخانىلىرىنىڭ باش ئورگىنىنى يۆتكەپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسپانىيە كارخانىچىلار تەشكىلاتى بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى رۇسىر مۇنداق دېدى: كاتالونىيا مۇستەقىل بولسا كۆپلىگەن كارخانىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر بۇ رايونىدىن ئايرىلىدۇ، چۈنكى بۇ شىركەتلەر كاتالونىيا بىلەن ئەمەس بەلكى ئىسپانىيە بىلەن سودا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
كاتالونىيا ئاپتونوم رايونى ئەنئەنىۋى سانائەت رايونى بولۇپ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى ئاساس قىلغان. كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %68 نى ئىگىلەيدۇ، ھەمدە %78 ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى ئىسپانىيەدىكى باشقا رايونلار بىلەن سودا مۇناسىۋىتىنى ساقلايدۇ. شۇڭا، شۇ يەردىكى كۆپ سانلىق ئوتتۇرا كېچىك كارخانىلار مۇستەقىللىققا قارشى تۇرىدۇ.
ئۇندىن باشقا، كاتالونىيا يەرلىك بانكىسىنىڭ %70 خېرىدارى ئىسپانىيەنىڭ باشقا رايونلىرىدىكى ئاھالىلەر. ئەگەر كاتالونىيا مۇستەقىل بولىدىغان بولسا، كۆپلىگەن مەبلىغى سىرتقا ئېقىپ كىتىپ بانكا كۆپلىگەن قىيىنچىلىققا يولۇقىدۇ.
ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارراسو ھەر قانداق بىر رايون ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولىدىغان بولسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ياۋرو رايونىغا كېرىش ئىلتىماسىنى قايتىدىن سۇنۇشى كېرەك ھەمدە ياۋرو رايونىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتىشى كېرەك، دەپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ، كاتالونىيا ئەگەر مۇستەقىل بولسا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن ياۋروپا رايونىدىن ئايرىلىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بىرىدۇ. بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، كاتالونىيا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشقا ئوخشايدۇ دەپ ھېسابلىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 13899884284 , 8559056-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved