جۇڭگو ‹‹ قۇتادغۇ بىلىگ ›› كە مۇھتاج، شىنجاڭ ‹‹ قۇتادغۇ بىلىگ ›› كە تېخىمۇ مۇھتاج

‹‹قۇتادغۇ بىلىگ ›› نىڭ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ئاۋازلىق نۇسخىسىنى ئۈرۈمچى ‹‹ ئېرپان ›› شىركىتى بازارغا سالغاندىن بۇيان، كىشلەرنىڭ ئەتىۋارلىق ھەمراھىغا ئايلاندى. خەنزۇچە ئاۋازلىق نەشرىنىڭ روياپقا چىقىشى بىلەن بۇ ئەڭگۈشتەرىمىزنى خەنزۇ قېرىنداشلار تونۇدى، ئۇلار كىتاب ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزدى.
‹‹جۇڭخۇا مەدەنىيەت سەپىرى ›› نىڭ شىنجاڭ مەنزىلى مەملىكەتلىك چوڭ پائالىيىتىدە جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى ‹‹ قۇتادغۇ بىلىگ ›› تىن ئىبارەت بۇ گۆھەرنى تونۇش، تەشۋىق قىلىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تاراتقۇلار ‹‹ جۇڭخۇا مەدەنىيەت سەپىرى ›› گە ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى، داڭلىق يازغۇچى، دۆلەت تارىخ-مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ ئىلمىي خادىمى ۋاڭ مېڭ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتاننى زىيارەت قىلدى.
ۋاڭ مېڭ ‹‹ قۇتادغۇ بىلىگ ›› كە مۇنداق باھا بەردى: بۇ ئۇلۇغ قامۇس ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئارزۇلاپ ئوقۇيدىغان ئېسىل ئەسەر، ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن، ئۇنىڭدا ئادەمنىڭ ئەخلاق -پەزىلىتىدىن تارتىپ، دۆلەتنىڭ قانۇن-پەرمانلىرىغىچە شېئىر، نەسرىي يەشمە شەكلىدە ئەڭ چىرايلىق سۆزلەر بىلەن بايان قىلىنغان، ئادەم بولۇشنىڭ يولى، دۆلەت باشقۇرۇشنىڭ يولى، كىشىلىك مۇناسىۋەت ناھايىتى توغرا بايان قىلىنغان. بۇ قامۇس شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگىمۇ ئورتاق قىممەتلىك. شۇ زامانلاردا ھاكىمىيەت ئىشىدا پاك، ئادىل ۋە ئىشەنچىلىك بولۇشتەك توغرا ئىدىيەلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇنىڭدىكى رەھبەرلىك قوشۇنىنى ساپلاشتۇرۇش دېگەندەك ئەينى دەۋرنىڭ ئىلغار قاراشلىرى ھازىرغا ئۇلاشقان. بۇ مەزمۇنلار خەلقنى تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئۈندىگەن ھەم ئۈندەيدۇ. جۈملىدىن جۇڭگو ‹‹ قۇتادغۇ بىلىگ ›› كە مۇھتاج، شىنجاڭ ‹‹ قۇتادغۇ بىلىگ ›› كە تېخىمۇ مۇھتاج.
ئازات سۇلتان ‹‹قۇتادغۇ بىلىگ ›› نىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ‹‹ قۇتادغۇ بىلىگ ›› ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەمەرىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە ئۇيغۇر پەلسەپىسى، ئېستېتىكىسى، ئېتىكىسى، مەدەنىيەتنىڭ ھەممە يېرىگە چېتىلىدىغان، بىزگە ئەڭ مۇكەممەل ئۇچۇر، مەلۇمات بېرىدىغان بىر شاھانە ئەسەر. ئۇ يالغۇزلا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەپەككۈر سەۋىيەسىلا ئەمەس، شۇ دەۋىرىدىكى يىپەك يولىدا ياشىغان قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ قىممەت قارىشى، تەپەككۈرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇ ۋاقىتتىكى تارىخ، مەدەنىيەت، قىممەت قاراشلىرىمىزنى، ئىزدىنىشلىرىمىزنى تەتقىق قىلىشتا بۈگۈنكى دەۋرىمىزدىمۇ بۇنىڭدىن ئۆتە مۇكەممەل يازما ماتېرىيال يوق، بۇ شۇنداق بىر يۇقىرى قىممەتنىڭ بەلگىسى، شۇنىڭغا بۇ ئەسەرگە تەتقىقات ساھەسىدىكىلەرلا ئەمەس، پۈتۈن مەملىكەت، ھەتتا دۇنيا مىقياسىدا قىزىقىش ئېشىۋاتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
01-07-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek