ئۇكرائىنادىكى رۇسىيە تەرەپدارلىرى 29–ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى لۇگانسكى ئىشتاتىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئىشغال قىلىۋېلىپ ، ئۆگزىسىگە رۇسىيە بايرىقى ئاستى .
يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 بولسا رۇسىيە تەرەپدارلىرىنىڭ ئۇكرائىنا دائىرىلىرىگە چىقارغان ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم ئاخىرلىشىش ۋاقتى ئىكەن . ئۇلار ئۇكرائىنا دائىرىلىرىدىن بارلىق سىياسىي جىنايەتچىلەردىن ئومۇمىي كەچۈرۈم سوراش ، فېدېراتسىيە تۈزۈمى مەسىلىسىدە ئومۇمىي خەلق قارارى چىقىرىش ، رۇسىيە تەرەپدارلىرى ھۆكۈمىتىگە تىل مەرتىۋىسى بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان .
ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ جاۋابىغا ئېرىشەلمىگەن يۈزگە يېقىن رۇسىيە تەرەپدارى بىناغا بۆسۈپ كىرگەن ، شۇنداقلا تۈتەك بومبىسى ۋە پوچاڭزا ئىشلەتكەن . بىنادا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان 150 نەچچە ساقچى ياش گازى ئارقىلىق ئىشغال قىلىش ھەرىكىتىنى توسقان ، لېكىن نەتىجىسى بولماي ، بىنادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان . پۈتۈن جەرياندا ئادەم يارىلىنىش ئەھۋالى بولمىغان .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved