چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تۈركىيەنىڭ غەربىدىكى پورت شەھىرى ئىزمىردا ئېگېي دېڭىزى ئارقىلىق گىرېتسىيەگە قانۇنسىز ئېلىپ بېرىلىپ، مۇساپىرلارغا تەمىنلىنىدىغان 1263 يۈرۈش ساختا قۇتقۇزۇش كىيىمىنى قولغا چۈشۈرگەن. ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 6-چېسلا، ئىزمىردىكى بىر كارخانىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، بۇ ساختا قۇتقۇزۇش كىيىملىرىگە ئىشلىتىلگەن تولدۇرغۇچى ماددىلارنىڭ پەقەت ئوراش-قاچىلاش ماتېرىياللىرى ئىكەنلىكىنى، لەيلەتكۈچى ماتېرىيال ئەمەسلىكىنى بايقىغان. بۇ 1263 يۈرۈش قۇتقۇزۇش كىيىمى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە پەقەتلا ماس كەلمەيدىكەن.
ساقچىلار ئاختۇرۇش جەريانىدا، يەنە قۇتقۇزۇش قۇتقۇزۇش كىيىمى ياسايدىغان ئىشچىلارنىڭ ئارىسىدا ئىككى نەپەر سۈرىيەلىك قىزنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.
بۇندىن بىر كۈن ئىلگىرى، تۈركىيەنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا، بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 34 مۇساپىرنىڭ جەسىتى بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ئادەم قۇتقۇزۇش كىيىمى كىيىۋالغان ئىكەن.
2015-يىلى، تەخمىنەن بىر مىليون مۇساپىر ئوتتۇرا يەر دېڭىزى ئارقىلىق قۇرۇقلۇققا چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى كۆپ قىسىم ئادەم تۈركىيە ئارقىلىق ئوغرىلىقچە گىرېتسىيەگە بارغان. نۆۋەتتە، ھەر كۈنى يەنىلا نۇرغۇنلىغان مۇساپىر تۈركىيە ئارقىلىق گىرېتسىيەگە كىرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار گىرېتسىيەنىڭ لېسۋوس ئارىلىنى نىشان قىلغان. مۇساپىرلار خەتەرلىك دېڭىز سەپىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن، قۇتقۇزۇش كىيىمى سېتىۋالىدىكەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى تەخمىنەن 3771 نەپەر مۇساپىر قازا قىلغان ياكى يوقاپ كەتكەن.
تۈركىيە ئۆتكەن يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىر تۈرلۈك كېلىشىم تۈزگەن. كېلىشىمدە تۈركىيە چېگراسىنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۈركىيەدىن گىرېتسىيەگە بارىدىغان مۇساپىر سانىنى ئازايتىدىغانلىقى ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 3 مىليارد ياۋرو ئىقتىسادىي ياردىمى ۋە باشقا ئېتىبار سىياسەتلىرىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىلگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved