رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف 21-مارت: ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ مىنىسكى يېڭى كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىپ، كېلىشىمدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى توقۇنۇشىۋاتقان رايونغا قارىتىلغان ۋاقىتلىق ئالاھىدە ئورۇن قانۇنىنى مەڭگۈلۈك قانۇنغا ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېدى.
لاۋروف مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇكرائىنا پارلامېنتى يېقىندا ماقۇللىغان قاراردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونغا تىنچلىق ساقلاش قىسمى ئەۋەتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى، بۇ ئۇكرائىنانىڭ مىنىسكى يېڭى كېلىشىمىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي قوللىنىۋاتقان ئالدامچىلىق ھىيلىسى. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى توقۇنۇشۇۋاتقان ئىككى تەرەپ قوشۇلمىغان ئەھۋالدا ئۇكرائىناغا تىنچلىق ساقلاش كۈچلىرىنى ئەۋەتمەيدۇ. رۇسىيە تەدبىر قوللىنىپ، ئۇكرائىنا پارلامېنتنىڭ قارارىغا تاقابىل تۇرىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، ھىندىستان ناۋسارى، بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆۋرۈكتىن ئۆتۈۋاتقاندا دەرياغا چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، ۋەقەدە ئاز دېگەندىمۇ 36 ئادەم قازا قىلدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved