دۆلەت كارخانىلىرى خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تىرىكى بولۇپ بىر رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.
2015-يىلى«12-بەش يىللىق» پىلاننىڭ ئاخىرقى يىلى. بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتتى. كارخانىلارنىڭ مۈلۈك كۆلىمى، ئاساسىي تىجارەت كەسپى كىرىمى، پايدا ئومۇمىي سوممىسى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. 2011 – يىل، شىنجاڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 339مىليارد650 مىليون يۈەنگە يەتتى، ساپ مۈلۈك 129مىليارد1مىليون يۈەن؛ 2015-يىلى6-ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 745مىليارد 900مىليون يۈەن، ساپ مۈلكى 254مىليارد 670مىليون يۈەن بولۇپ، 2011-يىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، سانلىق مەلۇمات ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى، بۇ « 12-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
« پۇختا قەدەم بىلەن دۆلەت مۈلكى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتتىن پايدىلىنىش» « 12- بەش يىللىق» پىلان مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكنى پائال راۋاجلاندۇردى. بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون كۆپ قېتىم ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ئېچىپ، مەركەز كارخانىلىرى بىلەن پاي قوشۇپ ھەمكارلىشىشدىكى يېڭى ئۇسۇلنى پائال ئىزدەپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈردى.
ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇل خادىمى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:«ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت كارخانىلىرى پاي كونترول قىلغان كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشكە، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشتا پايدىلىق بولغان.».
بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نېفىت - گاز قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پاي قوشۇشىنى قوللاش ئارقىلىق ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 2014- يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكى نازارەتچىلىكى كومىتېتى بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ باشقۇرغان كارخانىلار ۋە قاراشلىق 2-،3- دەرىجىلىك كارخانىلاردىن جەمئىي 351 گە يېتىپ، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك نىسبىتى 60 % كە يەتتى، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك 2-،3-دەرىجىلىك كارخانىنىڭ ئاساسلىق ئىگىلىك شەكلىگە ئايلاندى. ھازىر، ئارىلاش مۈلۈكچىلىك ئىگىلىكىدىكى كارخانىلار بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدىغان كارخانىلىرىنىڭ قارمىقىدىكى 2 -،3- دەرىجىلىك كارخانىلار ئىچىدە كۆپرەك مەركەزلەشكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋ فېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «12-بەش يىللىق» پىلان مەزگىلى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دۆلەت ئىگىلىك تەرەققىياتى بەرپا قىلغان بەش يىل بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جايلىشىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، فۇنكسىيەلىك ئورنىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ، كەسىپلەر بىلەن بولغان باغلىنىشغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىشتا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ۋاقتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلىكتە«13- بەش يىللىق» پىلاننى ياخشى، پۇختا ئىشلەپ، دۆلەت ئىگىلىكىنىڭ ئىقتىدارى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved