ئىراق بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراق ئارمىيەسى بىلەن كۇرت قوراللىقلىرى تۈنۈگۈن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئۇرۇشتا «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ 70 نەچچە ئادىمىنى ئېتىۋەتكەن، كۇرت قوراللىقلىرىنىڭ ئىككى ئەسكىرى ئۇرۇشقا قازا قىلغان.
ئىراق بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ بىر خادىمى مۇنداق دېدى: 11-يانۋار چۈشتىن كېيىن «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتىنىڭ نەچچە ئون ئەزاسى پايتەخت باغداتنىڭ شىمالىغا تەخمىنەن 400 كىلومېتىر كېلىدىغان سۇلتان ئابدۇللا بازىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ بۇ يەرنى بېسىۋالدى، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاق ئارقىدىن ئۇرۇش ئايروپىلانى چىقىرىپ قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بۇ بازارنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قانچە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى، ئىراق ئارمىيەسىمۇ بۇ بازىلارغا نۇرغۇن توپ ئاتتى.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
|
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئافغانىستان Cevizcan رايونى، 17 نەپەر تالىبان ئەزالىرى ئافغانىستان دائىرىلىگە تەسلىم بولدى ھەمدە قوراللىرىنى تاپشۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved