ۋاڭيى تورى خەۋىرى، لەگلەك تورى تەرجىمىسى
شىنخۇا تورى كابۇل 18- مارتتىكى تېلېگراممىسى، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى فەرياب ئۆلكىسىدە 18- مارت ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خارەكتىرىدىكى پارتىلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن بولۇپ، 15 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، 20 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
فەرياب ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد باغدەشنىڭ مۇخبىرغا ئېيتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتىلىتىش ئۆلكە مەركىزى مايمانا شەھىرىدە يۈز بەرگەن، شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 8 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە بىر پارتلاتقۇچ ئېلىۋالغان تېررورچى ئادەملەر توپى ئىچىدە پارتلاتقۇچنى پارتىلىتىپ، 15 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە 20 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىدەك پاجىئەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
باغدەشنىڭ دېيىشىچە، ئافغانىستاننىڭ ئەنئەنىسى بويىچە يېڭى يىلنىڭ كېلىش ۋاقتى بولغاچقا يەرلىك خەلق بايرام ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن.
نۆۋەتتە ھېچقانداق تەشكىلات ياكى شەخىس بۇ قېتىملىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى قىلغانلىقىنى دېمىدى.
مەنبەسى شىنخۇا تورى
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ ـــــــــــــــــــ ئىزدەش نامى LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved