قاتار ئەمىرى؛ مەسىلە ئىسلامدا ئەمەس، ئۈمىدسىزلىكتە! دېدى

قاتار ئەمىرى؛ مەسىلە ئىسلامدا ئەمەس، ئۈمىدسىزلىكتە! دېدى نىيۇ يورك تايمىس گېزىتى 24-فېۋرال خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: ئامېرىكىغا زىيارەتكە بارغان قاتار ئەمىرى تەمىم ئىبنى ھاماد ئەل- سانى ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوباماغا «ئوتتۇرا شەرقتىكى تېرورنىڭ سەۋەبى ئىسلام ئەمەس، سۇرىيە، لىۋىيە، يەمەن ، ئىراق ۋە غەززەدىكى ئۈمىدسىزلىكتۇر» دېدى. ئۈچ كۈنلۈك رەسمى زىيارەت ئۈچۈن ئامېرىكىغا بارغان قاتار ئەمىرى ئەل- سانى ، ئ‍امېرىكا پرېزىدېنتى بىراك ئوباما بىلەن كۆرۈشۈپ رايۇندىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

 

مەسىلە ئىسلامدا ئەمەس، ئۈمىدسىزلىكتە

قاتار ئەمىرى تەمىم ئىبنى ھاماد ئەل-سانى ئۇچرىشىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا نىيۇ يورك تايمىس گېزىتىگە« قاتارنىڭ ئامېرىكىغا خېتى» نامىدا بىر ماقالە يازدى، ئەمىر ئەل-سانى ماقالىسىدە «ۋاشىنگتوندا پرېزىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشكىنىمدە ئۇنىڭغا تەكلىپىم تېخىمۇ ئاشكارا بولىدۇ، ئوتتۇرا شەرقنى ۋەيران بولۇشتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىمىز كىرەك » دەپ ئىپادە بىلدۈردى. غەرب ئەللىرىنىڭ كۆپىنچىسنىڭ تېرورىزىمنىڭ سەۋەبى ئىسلام دەپ قارايدىغانلىقى ھەققىدە ئەمىر ئەل- سانى مۇنۇلارنى ئېيتتى: «مۇسۇلمان بولغانلىقىمدىن مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئىسلام ئەمەس، بەلكى ئۈمىدسىزلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتالايمەن، سۇرىيە ۋە پەلەستىندىكى مۇساپىرلار لاگېرىدا، ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان سۇرىيە، ئىراق، يەمەن، لىۋىيە ۋە غەززە تۇپراقلىرىدا ئۈمىدسىزلىكنى كۆرەلەيسىز. ياۋرۇپانىڭ ھەتتا ئامېرىكىنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىكى نامراتلار مەھەللىسىدە ھەم ئۈمىدسىزلىكنى كۆرىۋاتىمىز، ۋە بىز تېرور ئېقىمىنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولساق دۆلەت ۋە دىن ئايرىمچىلىقى بولمىغان ب ئۈمىدسىزلىككە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك، بۇ تېرورىزىمغا بىر باھانە بولۇپ كۆرۈلمەيدۇ، قاتار ئاشقۇن گۇرۇپىلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كەسكن شەكىلدە ئەيىپلەيدۇ ۋە تېرورغا قارشى كۈرەش مەقسىتىدە ئوتتۇرغا چىققان خىزمەتلەرگە ياردەم بېرىدۇ. ئەمما ئوقلار ۋە بومبىلار تېرورغا قارشى كۈرەشتە غەلبە قىلىشقا كۈچى يەتمەيدۇ. تېرورىزىمنىڭ تۈپ يىلتىزىنى يۇقىتىش ئۇزۇن مەزگىللىك ، ئىستىراتىگىيەلىك ۋە چوڭقۇر بىر مۇساپىدۇر» دېدى.

دىكتاتورلار مەۋجۇتلىقىنى ساقلاۋاتىدۇ

ئەمىر ئال-سانى تېرورغا قارشى كۈرەشنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دىكتاتورلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەپسۇسكى بەزى ئەھۋاللاردا تېرورىزىمغا قارشى يۈرگۈزگەن ئۇرۇش تېرورنىڭ يۈكسىلىشىگە كۈچ قوشىدىغان قانخور دىكتاتورلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرىشىغا يادەمچى بولدى. ئاشقۇنلۇققا قارشى كۈرەش پەقەت رايۇن خەلقلىرى ئاۋال بەششار ئەسەدكە ئوخشاش خەلقىنى قىرغىن قىلىدىغان زومىگەر دىكتاتورلارنى يۇقىتىشقا قايىل بولسا ئاندىن غەلبە قىلغىلى بولىدۇ، بۇنداق قىلىش ۋەزىپىسى پەقەت ئامېرىكاغا تەۋە ئەمەس، بەلكى ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ سۇرىيەدە سىياسى بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى كىرەك» دېدى.

ئەرەب ياشلىرى ئۈمىدىنى يۇقاتماقتا

ئەمىر ئال- سانى ئەرەب باھارى بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە ئوتتۇرغا چىققان ئەھۋاللار ھەققىدە ئوباماغا شۇنداق دېدى:« بىز بېسىپ ئۆتكەن ئۈچ يىلدىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت، ئ‍ەرەب دۇنياسىدىكى ياشلارنىڭ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ئىقتىسادى بىخەتەرلىك تېمىسىدىكى ئارزۇلىرى ئالدىدا ئۈن-تىنسىز تۇرماقتا، بۇ ئارزۇلار ھاكاۋۇر كۈچ سىياسەتلىرىنىڭ سايىسىدە قالدى، ئەمما بېسىم پەيدا قىلغان سەلبىيلىك بولغان بولسىمۇ ئەرەب ياشلىرى تېخىمۇ ياخشى بىر كەلگۈسى يارىتىش ھەققىدە ئىشەنچىسى ۋە قارارى مۇستەھكەمدۇر. ئۇلار ئىنسان ۋىجدانىغا ھۆرمەت بىلدۈرگەن ۋە ئادالەت ھەقىقى يۈزىنى كۆرسەتكەن بىر ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن ئۈمىدىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئەمما بىز ھەرىكەتكە كېلىپ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىمىز ۋە ئەرەب باھارىدا قۇربانلىق بەرگەن ۋە كۈرەش قىلغان قىممەت قاراشلىرىمىزغا سادىقلىقىمىزنى ئىسپاتلىمىساق بۇ ئۈمىدلەر ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ» دېدى.



25-02-2015
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نىيۇ يورك تايمىس گېزىتى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
17-04-2016
    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 17- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبسىتان ئوباما ھۆكۈمىتىگە ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ: ناۋادا ئامېرىكا پارلامېنتى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋەقەسىدە مەسئۇلىيە...
17-04-2016
   فرانسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئېررو ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ستەيىنمېيىل تۈنۈگۈن لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىغا يېتىپ بېرىپ، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئېررو شۇ كۈنكى مۇخبى...
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
Powered by Leglek