ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈپ، كۆزنى روشەنلەشتۈرگۈچى-ئالقات. ئالىقاتنىڭ كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، شۇڭا قەدىمدە «كۆزنى روشەنلەشتۈرگۈچى» دەپ ئاتالغان. تارىختىن بۇيان تىۋىپلار جىگەرگە قان يېتىشمەسلىك، بۆرەك ئاجىزلىقتىن بولغان نەرسىلەرنى ئېنىق كۆرەلمەسلىك، نامازشام قارىغۇسى كىسەللىكلىرىگە دائىم ئالىقاتنى ئىشلىتەتتى. ئالقاتنى دائىم يەپ بەرگەندە ھۆسن گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ، چۈنكى ئالقات تېرىنىڭ ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ، ھۆسۈن گۈزەللەشتۈرۈش، ئاقارتىش رولىنى ئوينايدۇ.
تېرىنى ئاسراپ ھۆسن گۈزەللەشتۈرگۈچى- چىلان. چىلاندا مول ۋىتامىن ۋە تۆمۈر قاتارلىق ماددىلار بولۇپ، قان ياساش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۈزنى سىلىق، قىزىل قىلىدۇ. چىلاندىكى مول ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتلىرى تېرە ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىگمېنتنىڭ چۆكۈۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، تېرىنى ئاق، يۇمران قىلىدۇ.
ھۆسۈن گۈزەللەشتۇرۇپ، ئاقارتقۇچى-لىجى. لىجىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى، شېكەر تۈرىدىكىلەر مول، يەنە ئاقسىل، ماي، ئانئورگانىك تۇز، يېمەكلىك تالاسى، ۋېتامىنA، ۋېتامىنC، ۋېتامىنB، لىمون كىسلاتاسى، ئالما كىسلاتاسى قاتارلىقلار بولۇپ، تېرىنى ئاقارتىش ئۈنۈمى بار.
![]() |
ساختا دورا سېتىش قىلمىشى خەلقنىڭ ياشاش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىق.
ماۋ فامىلىلىك بۇ يىل 36 ياش، راڭفېن ناھىيىسىدىن، مەخسۇس كۇرس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. 2014-يىللىرى، ماۋ فامىلىلى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved