مۇھەببەت ھېكايىلىرىنى ئوقۇشقا ئامراقلار. مۇنداق كىشىلەر ھېسسىياتچان ۋە تۇغۇلۇشىدىنلا ئۈمىدۋار كېلىدۇ، ھاياتقا ئىنتايىن قىزغىن مۇئامىلە قىلىپ، ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن ناھايىتى ئاسان چىقىشىپ كېتىدۇ. ئادەتتە ئۈمىدسىزلىك ئاسارىتىدىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ، ئىشلىرىنى قايتا باشلىيالايدۇ. تۇرمۇشنىڭ رومانتىك ئۆتۈشىنى، رېئاللىقتىن بىر دەرىجە يۇقىرى تۇرمۇش كەچۈرۈپ ياشاشنى ئويلايدۇ.
رازۋېدكا ھېكايىلىرىنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار. بۇنداق كىشىلەر ئىدىيە جەھەتتىكى خىرىسنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر، تەدبىرلىك، باشقىلار قورقىدىغان مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغان كېلىدۇ.
ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايىلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار. بۇنداق كىشىلەر تەسەۋۋۇرغا باي ۋە ئىجاتچان كېلىدۇ. ئىختىرا گېنلىرىنى قەدەممۇ-قەدەم يېتىلدۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى كەشپىياتى ۋە يېڭىلىقلىرى ئۈچۈن «خېمىرتۇرۇچ» ھازىرلايدۇ، پەن تېخنىكىلىق مەسىلىلەردە قىلچە گاڭگىراپ قالمايدۇ. كەلگۈسى ئۈچۈن پىلان تۈزۈشكە ماھىر بولۇپ، چوتنى يىراق نۇقتىدىن سوقىدۇ.
ئىقتىسادقا دائىر كىتابلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار. بۇنداق كىشىلەر رىقابەتلىشىشنى، باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىشنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىستىكى يۇقىرى بولىدۇ، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى يۇقىرى، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش سەنئىتى ئۈستۈن بولىدۇ.
مودا كىيىمگە ئائىت ژورناللارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار. سالاھىيىتىگە بەك دىققەت قىلىدىغان كىشىلەردۇر، ئۇلار ئۆزىنىڭ باشقىلار ئالدىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلاشقا كۈچىنىڭ بېرىچە تىرىشىدۇ، چەتئەل مەدەنىيىتنىڭ ئەڭ تېز «بومباردىمان»قىلىشىغا ئۇچرايدۇ، تۈرلۈك ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۆزىنى چوڭ سۈپەت، سالاپەتلىك قىلىپ كۆرسىتىشكە ھېرىسمەن كېلىدۇ.
تارىخقا ئائىت كىتاب ژۇرناللارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلار. بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىجادچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، قۇرۇق پاراڭ، قالايمىقان سۆزلەرنى قىلىشقا ئۆچ، ئۇلار قۇرۇلۇش خاراكتىرلىك بەزى خىزمەتلىرىنى قىلىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمىسىمۇ، لېكىن ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشنى ئانچە خالىمايدۇ، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتىدىكى ئەنئەنىۋىلىكنى، ئۈزۈلمەس تارىخىي پۇراقنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
ھەجۋىي رەسىملىك ژۇرناللارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلار. بۇنداق كىشىلەر ئويۇن تاماشىنى ياخشى كۆرىدۇ، مىجەزىدە تارتىنىش، قورۇنۇشلاردىن ئەسەر بولمايدۇ، خۇش پېئىل، چىقىشقاق ھەم يۇمۇرىستىك كېلىدۇ.
گېزىت ۋە ئاخبارات تىپىدىكى ژۇرناللارنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلار. بۇنداق كىشىلەر ئىرادىسى كۈچلۈك رېئالىزمچىلاردىن بولۇپ، يېڭى ئىدىيەلەرنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved