2015-يىللىق جۇڭگو ( شېنياڭ ) ئەقىل-پاراسەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى ۋە 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو ( شېنياڭ ) خەلقئارا يانفون يەرمەنكىسى 3-دېكابىر لياۋنىڭ سانائەت كۆرگەزمە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمە « ئەقىل-پاراسەت كەسپى، يېڭىلىق ياراتقۇچى شەھەر » نى باش تېما قىلغان بولۇپ، كۆرگەزمە قىلىش، مۇنبەر ئۇچرىشىشى، ئىجادىيەت مۇسابىقىسى قاتارلىق ئۈچ چوڭ پائالىيەت ئارقىلىق، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەگە يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى ئىدىيە ۋە يېڭى ئەندىزە قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى پەن-تېخنىكىلارنى نامايان قىلىپ، شەھەر ئەقىل-پاراسەت قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئاممىغا قولايلىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە شەرقىي شىمال رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك ئەقىل-پاراسەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسى بولۇپ، پائالىيەت ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved