«چارلىي ھەپتىلىك ژورنىلى»نىڭ باش شتابى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

يەر شارى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى. فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى «چارلىي ھەپتىلىك ژورنىلى»نىڭ باش شتابى شۇ جاي ۋاقتى 7-يانۋار قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. نۆۋەتتە12 ئادەم قازا قىلىپ نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. فرانسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى7-يانۋار ھۇجۇم ۋەقەسىنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

شۇ كۈنى، ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىشتىن بىر سائەت بۇرۇن «چارلىي ھەپتىلىك ژورنىلى» ئەسەبىي تەشكىلات \ئىسلام خەلىپىلىكى\نىڭ كاتتىبېشى باغدادىنىڭ ھەجۋىي رەسىمىنى بېسىپ تارقاتقان ئىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە فرانسىيە دېپلوماتىيەمىنىستىرلىقى فرانسىيە ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەدئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلغان ھەجۋى رەسىمنىڭ بۇ قېتىمقى زوراۋانلىق ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغانلىقى، فرانسىيەنىڭ فرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ20نەچچە ئەلچىخانىسىنى ۋاقىتلىق تاقىۋېتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

 

«چارلىي ھەپتىلىك ژورنىلى» فرانسىيىدىكى داڭلىق ھەجۋى رەسىم ژۇرنىلى. بۇ ژورنال ئىلگىرى ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەجۋى رەسىمىنى كۆپ قېتىمباسقانلىقتىن بەس- مۇناسىرە قوزغىغان، 2011-يىلى، «چارلىي ھەپتىلىك ژورنىلى»نىڭ پارىژدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى شۇ جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدى 。بۇ قېتىمقى ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن،شاھىدلار ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ \پەيغەمبىرىمىز ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىمىز\ دەپ توۋلىغانلىقى ۋە \ئاللاھۇ ئەكبەر\ دەپ تەكبىر ئېيتقانلىقىنى ئېيتتى.فرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ۋەقەنى تېررورچىلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى، ئۇنىڭ50 يىلدىن بۇيان فرانسىيەدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر تېررورلۇق ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند بۇ قېتىمقى تاراتقۇلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ پۈتۈن فرانسىيەنى لەرزىگە سالغانلىقىنى ئېيتتى.

 

فرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاند\يېقىنقى بىرقانچە ھەپتە ئىچىدە فرانسىيە كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمىنى مەغلۇپ قىلدى.بىز باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش تەھدىدكە ئۇچراۋاتىمىز. بۇنداق تەھدىدكە ئۇچرىشىمىزنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ ئەركىن دۆلەت بولغانلىقىمىزدا. بىز ئەركىن دۆلەت بولغان ئىكەنمىز بۇنداق تەھدىدكە تېخىمۇ بەكرەك قارشى تۇرۇشىمىز لازىم. بىز ئىغۋاگەرچىلىك قىلغانلارنى قاتتىق جازالايمىز. ھېچقانداق بىر كىشى فرانسىيە روھىغا تەھدىت سالالمايدۇ.\ئۆتكەن ئايدا، فرانسىيەدە ئۇدا ئۈچ كۈنساقچىلارغا ۋە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. كۆپىنچىلىرىنى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار كەلتۈرۈپ چىقاردى. فرانسىيەزۇڭلىسى ۋالىس ئۆتكەن ئايدا سۆز قىلىپ، فرانسىيەنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق ئېغىر تېررورلۇق ھۇجۇمنىڭ تەھدىدىگە ئۇچراپ باقمىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتناشقان بىر جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى مەلۇم قىلدى .فرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ شۇ يەر ۋاقتى 8-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتناشقان ئەڭ كىچىك جىنايەتگۇماندارى ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ جىنايەت گۇماندارى 18 ياش بولۇپ، باشقا ئىككى جىنايەت گۇماندارىغا ياردەملەشكەن. ئۇ شۇ يەر ۋاقتى 7-يانۋار سائەت 23 لەرئەتراپىدا ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۆزىنىڭ ئىسمىنىڭ تارقىلىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەندىن كېيىن ساقچىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان.ئىسپانىيەدىكى بىر تاراتقۇ گۇرۇھىنىڭ باش شىتابى گۇمانلىق پوسۇلكا تاپشۇرۇپ ئېلىپ خىزمەتچىلەرنى چېكىندۈردى.

 

فرانسىيە پارىژ «چارلىي ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تەھرىراتىداتېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نەچچە سائەتتىن كېيىن، ئىسپانىيەدىكى داڭلىق مەتبۇئات دۆلەت گېزىتىگە قاراشلىق تاراتقۇ گۇرۇھى پرىسا گۇرۇھىنىڭ مادرېتتىكى باش شتابى گۇمانلىق پوسۇلكا تاپشۇرۇپ ئالدى. كېيىن ساقچىلار دەرھال ئەتراپنىقامال قىلىپ خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇردى. تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكشۈرۈپ پوسۇلكىداھېچقانداق خەتەرلىك نەرسىنى بايقىمىدى.بۇنىڭدىن باشقا ئىسپانىيەدىكى باشقا ئىككى تاراتقۇمۇ گۇمانلىق پوسۇلكا تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. لېكىن تەپسىلاتىنى ئېلان قىلمىدى.

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشۇۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK



خەتكۈچلەر:
09-01-2015
يازغۇچى: كاككۇك
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-03-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى روگوزىن فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن:...
07-03-2016
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 12-ئايغىچە، ياپونىيەدە مەملىكەت بويىچە ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان ئائىلە سانى 1 مىليون 634 مىڭ ئائىلىدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى قىممەتنى يارا...
07-03-2016
شىنخۇا تورى 7- مارت خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى بابىلۇن ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە مەركىزى شىلا شەھىرىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتى شۇ جاي ۋاقتى 6- مارت چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارت...
02-03-2016
ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى ئاساسي قانۇن مەھكىمىسى 1-مارت پايتەخت بانگىدا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق زۇڭلىسى، مۇستەقىل سايلام نامزاتى تۇۋادرانىڭ 2-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىدا %62.69 ئاۋازغا ئېرىشىپ، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇريىتىنىڭ...
02-03-2016
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى،موسكىۋا،27-فېۋرال تېلىگىراممىسى:روسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرلىقى27-فېۋرال مۇنۇلارنى بىلدۈردى:روسىيەنىڭ دېپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگىي لاۋروف ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت كاتىپى جون كېررى سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىلغانلىقىد...
22-02-2016
سىنا تورى خەۋىرى، باغداش تورى تەرجىمىسى: چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ 21 - فېۋرال تەمىنلىگەن سۈرەتلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، چاۋشيەننىڭ ئالىي رەھبىرى كىم جوڭئېن يېقىندا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسى ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش مەشىقىنى كۆزدىن كەچ...
12-02-2016
   فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فرانسىيىنىڭ غەربىدىكى چاررىنت ئۆلكىسىدە 11 -فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن مەكتەپ ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ئاپتوموبىلى سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئالتە ئادەم قازا قىلىپ، ئۈ...
12-02-2016
   مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى بىر تۈرمىدە شۇ جاي ۋاقتى 11- فىۋرال زور كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كۆرۈلۈپ، ئاز دېگەندە 52 ئادەم قازا قىلىپ، 12 ئادەم يارىلانغان. يەرلىك دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىمقى قالايمىقانچىلىق ئىككى قار...
12-02-2016
پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسى مەزگىلىدە، ياۋروپا رايونىنىڭ شىمالىدىكى ئەزا دۆلەتلەر غايەت زور سوممىدا ياردەم تەمىنلەپ، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسىنىڭ بارلىق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماي ياۋرونى قۇتقۇزۇش ۋەدىسىنى قوللاپ، جەنۇبتىكى قوشنىلىرىنى قۇتقۇزۇپ...
12-02-2016
    شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىبى سىتولتىنبېرىگ 11- فىۋرال شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابىدا مۇنداق دېگەن: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى دېڭىز ئۈستى ھەربىي كۈچلىرىنى ئەۋەتىپ، ياۋروپا ئ...
Powered by Leglek