دۇنيادىكى «ئەڭ پۇلغا يارايدىغان» 10 ئاپتوموبىل ماركىسى

      ئاپتوموبىل ماركىسىنىڭ قىممىتى بىر ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ مۇھىم كۆرسەتكۈچى. دۇنياغا داڭلىق Interbrand شىركىتى يېقىندا ‹‹2015-يىلى دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى بار 100 كۈچلۈك ماركا›› نى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل ماركىسىدىن 14 ماركا تاللانغان. تىزىملىكتە تويوتا ماركىسى ئۇدا چېمپىيون ئورۇندا تۇرغان، ئەكسىچە ئاممىباب ماركىسىنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن. تۆۋەندە بىز بۇ 10 ماركىنى كۆرۈپ باقايلى، سىزنىڭ ماشىنىڭىز بارمۇ يوق.



1. تويوتا

ماركا قىممىتى: 49.048 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

 

    تويوتا ئاپتوموبىل شىركىتى 2008-يىلىدىن باشلاپ ھەممىباب ئاپتوموبىل شىركىتىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركىتىگە ئايلانغان، شۇنداقلا يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 10 مىليون دانىدىن ئاشىدىغان ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

2. تۇلپار

ماركا قىممىتى: 37.212 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

      تۇلپار ئاپتوموبىلى گېرمانىيەدىكى ئۈچ داڭلىق ئاپتوموبىل ماركىسىنىڭ بىرى بولۇپ، 99 يىللىق تارىخقا ئىگە. تۇلپار گۇرۇھى ئۆزىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ماركىسى بىلەن يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ غەلىبە قىلغان ئاپتوموبىل ۋە موتوسىكلىت ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتقا ئايلانغان. جۇڭگو بازىرىدىكى سېتىلىشىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشى بىلەن، تۇلپار ئاپتوموبىلى پۈتۈن دۇنيادىكى ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئىچىدە سېتىلىش بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئاپتوموبىل ماركىسىغا ئايلاندى.

3. بېنز

ماركا قىممىتى: 36.711 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

      دۇنيادىكى بىرىنچى ئاپتوموبىل ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېنز ئاپتوموبىللىرى ئەلا سۈپىتى، يۇقىرى ئىقتىدارى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق. ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللاردىن سىرت، بېنز شىركىتى يەنە دۇنيادىكى داڭلىق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋە ئېغىر تىپتىكى ئاپتوموبىل ياسايدىغان زاۋۇت. بېنز، تۇلپار ۋە ئاممىباب ئاپتوموبىلى گېرمانىيەدىكى ‹‹ئۈچ ئات ھارۋىسى›› دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بېنزنىڭ ماركا قىممىتى تۇلپاردىن قېلىشمايدۇ.

4. خوندا

ماركا قىممىتى: 22.975 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

       خوندا ياپونىيەدە تويوتا ۋە نىسساندىن قالسىلا ئۈچىنچى چوڭ ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرى بولۇپ، ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت، دىۋىگاتېل ياساشنى ئاساس قىلغان. 1959-يىلىدىن باشلاپ، خوندا شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ موتوسىكلىت ياساش سودىگىرى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتېل ياساش سودىگىرى بولغان بولۇپ، يىلىغا تەخمىنەن 14 مىليون دىۋىگاتېل ئىشلەپچىقىرىدۇ.

5. ئاممىباب

ماركا قىممىتى: 12.545 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

       ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى گېرمانىيەنىڭ ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى بولۇپ، دۇنيادىكى تۆت چوڭ ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرىنىڭ بىرى. جۇڭگوغا ئەڭ بۇرۇن كىرگەنلىكتىن، جۇڭگو بازىرىدا ئەۋزەللىككە ئىگە. ھالبۇكى، بۇ يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى، قالدۇق گاز سەتچىلىكى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاممىباب شىركىتىنىڭ پاي باھاسى ئۈچتىن ئىككى قىسىم چۈشۈپ كەتتى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زور سوممىلىق جەرىمانىسىگە ئۇچرىدى. بۇ ئەھۋاللار ئاممىباب ئاپتوموبىلىنىڭ ماركا قىممىتىگە پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى.

6. فورد

ماركا قىممىتى: 11.578 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

       بېنز ئاپتوموبىلىغا ئوخشاش، فورد ئاپتوموبىلىمۇ ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق نەتىجىلەرگە ئىگە. فورد ئاپتوموبىل شىركىتى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئاپتوموبىل ياساشتىن سىرت، يەنە ئاپتوموبىل پۇل-مۇئامىلىسى، ئاپتوموبىل ئىجارىگەرلىكى ۋە ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.


7. خيۇنداي

ماركا قىممىتى: 11.293 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

     كورېيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىسى بولۇپ، دۇنيادىكى 20 چوڭ ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ بىرى. خيۇنداي ئاپتوموبىل شىركىتى نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىپ خيۇنداي گۇرۇھىغا ئايلانغان بولۇپ، تىجارەت دائىرىسى قۇرۇلۇش، پاراخوت ياساش ۋە ماشىنىسازلىق قاتارلىق ساھەلەرگە كېڭەيدى.

8. ئاۋدى

ماركا قىممىتى: 10.328 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

      ئاممىباب گۇرۇھى بايرىقى ئاستىدىكى ئاۋدى ماركىسىمۇ بۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان. گەرچە گېرمانىيەدىكى ئۈچ كۈچلۈك ئاپتوموبىل ماركىسىنىڭ بىرى بولسىمۇ، ماركا قىممىتى ئاران 10.328 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، تۇلپار ۋە بېنزنىڭ ئۈچتىن بىرىگىمۇ توغرا كەلمەيدۇ. بۇنىڭدىن ئاۋدى بىلەن بېنز، تۇلپارلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرقنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

9. نىسسان

ماركا قىممىتى: 9.082 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

       ئامېرىكا ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت ئىككى بازاردىكى ياخشى سېتىلىش نەتىجىسى نىسساننىڭ سېتىش كىرىمى ۋە ساپ پايدىسىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرگەن. ياپونىيەدىكى ئىككىنچى چوڭ ئاپتوموبىل ياساش سودىگىرى بولسىمۇ، ماركا قىممىتى جەھەتتە تويوتا ۋە خوندادىن خېلىلا كېيىن تۇرىدۇ. بىراق، نۆۋەتتە نىسساننىڭ تەرەققىياتىمۇ ناھايىتى تېز بولماقتا.


10. پورسچى

ماركا قىممىتى: 8.055 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى

      پورسچى 2015-يىللىق ئەڭ پۇلغا يارايدىغان ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ياساش سودىگىرى بولۇپ، ماركا قىممىتى 8.055 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلىدىكىدىن %12 ئاشقان. 2010-يىلىدىن باشلاپ، پورسچى ئاپتوموبىلىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى سېتىلىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، تۆت يىلدا شىركەتنىڭ كىرىمى %220، سېتىلىش مىقدارى %213 ئاشقان.



خەتكۈچلەر:
15-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
12-05-2016
      مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلى مۇخبىرىنىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن باشلاپ دۆلەت ئىچى بېنزىن، دىزېل مېيى باھاسى تەڭشىلىدىك...
12-05-2016
    جۇڭگو شىزاڭ تورى خەۋىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان رەھبىرىي كادىرلار بەلگىلىمىنىڭ روھىغا خىلاپ ھالدا توي تۆكۈن نەزىر چىراغ ئىشلىرى ئۆتكۈزۈش، زىياپەت بېرىش قاتارلىق ئىشلاردىن ئۆز...
11-05-2016
    جۇڭگو تورى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى خەۋىرى، 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىسادشۇناسلىق بۆلۈمى بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ھۆججەت نەشرىياتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «ئىقتىساد كۆك ...
11-05-2016
    بۈگۈن نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى چۈشۈپ، ئالتۇن باھاسىغا ياخشى ئۆسۈش پۇرسىتىى يارىتىپ بەردى، بۇنىڭ بىلەن بۈگۈن بازاردا نەق ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستى. بېيجىڭ ۋاقتى چۈش سائات 11 ...
11-05-2016
   جۇڭگو شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت رايونىغا تىرىلىئون يۈەندىن ئاشىدىغان تۈر مەبلىغى سېلىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ ئاستا رايوننىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ھازىرغا قەدەر ئەڭ ئېنىق...
11-05-2016
   مەلۇم دەرىجىدىن ئېيتقاندا، جۇڭگو سانائىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بۇ يىلقى تۆمۈر رۇدىسى ۋە پولات-تۆمۈر باھاسىنىڭ ئۆسۈش يۈزلىنىشىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى، لېكىن جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى سودا سانلىق مەلۇماتى مەبلەغ سالغۇچىلارغا بۇ ئاساسنىڭ ئىنت...
10-05-2016
    مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونىمىز بانكا ساھەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىز 2020-يىلغىچە 35 نامرات ناھىيەدىكى بارلىق يېزا...
10-05-2016
    9-ماي خەلقئارا نەق مال ئالتۇن 20 دوللاردىن ئارتۇق چۈشۈپ كەتتى، چۈشۈش كۆلىمى %2 گە يەتتى، ئامېرىكا بازىرىدا ھەر ئونسىيە ئالتۇن باھاسى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 1262.78 ئامېرىكا دوللىرى بولدى، بۇ چۈشۈش 7-مايدىكى ئۆسۈشنى يەپ ك...
10-05-2016
   بۈگۈن نيۇيورك تاۋار بېرژىسىدا نەق ئالتۇن ۋە كۆمۈشلەرنىڭ باھاسى ئومۇميۈزلۈك چۈشۈپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە نەق ئالتۇنىنىڭ باھاسى 20 دوللار چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيە نەق ئالتۇننىڭ باھاسى 1265 دوللارغا بېرىپ قالدى.     5- ئ...
10-05-2016
   2016-يىلى نىلقا ناھىيەسى مىس يېزىسى، كېلەڭ يېزىسى، قۇجۇرتاي يېزىسى قاتارلىق 6 يېزا-بازاردا ئوبلاست دەرىجىلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىك ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا...
Powered by Leglek