مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلى 5-يانۋار، مەلۇم بىر تورداش ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ‹‹بىۋاسىتە ئاڭلىتىش قاتناش قىزىق لىنىيەسى›› سۇپىسىنىڭ ناچار تېمىلار بىلەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى پاش قىلغان. 6-يانۋار، بۇ سۇپا توختىتىلغان.
شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسىنىڭ تەكشۈرۈپ دەلىللىشىچە، 2016-يىلى 5-يانۋار، ‹‹بىۋاسىتە ئاڭلىتىش قاتناش قىزىق لىنىيەسى›› ناملىق ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدا ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدا بىر قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىگە ئالاقىدار تېلېۋىزىيە خەۋىرىنى يوللاپ، تېمىسىنى ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا چوڭ ئىش چىقىپ، 22 كىشى قازا قىلىپ، بەش كىشى يارىلانغان›› دەپ قويغان. ئەمما بۇ خەۋەرنىڭ ئەمەلىي مەزمۇنى ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جەنۇبىدا قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 22 قوي ئۆلۈپ، بەش قوي يارىلاندى›› ئىدى.
‹‹بىۋاسىتە ئاڭلىتىش قاتناش قىزىق لىنىيەسى›› ناملىق ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئىنتېرنېتنىڭ يەتتە تۈرلۈك بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي مەنپەئەتنى كۆزلەپ، قەستەن ناچار مەزمۇن يوللاپ چېكىلىش قېتىم سانىنى ئاشۇرغان. شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان «پەيتلىك ئالاقە قورالى ئاممىۋى ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى» بويىچە مەزكۇر ئۈندىدار سۇپىسىنى تاقىدى.
«پەيتلىك ئالاقە قورالى ئاممىۋى ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»
بىرىنچى ماددا
پەيتلىك ئالاقە قورالى ئاممىۋى ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەتنى قوغداش ئۈچۈن، ‹‹مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقە تورىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش توغرىسىدىكى قارارى››، ‹‹مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تور ئۇچۇرلىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارى››، ‹‹ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ توردا تۆھمەت قىلىش قاتارلىق جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشكە ماس كېلىدىغان قانۇنلارغا ئالاقىدار بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئىزاھات››، ‹‹ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى››، ‹‹ئالاقە تورى خەۋەر، ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى›› قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەزكۇر بەلگىلىمە تۈزۈپ چىقىلدى.
ئىككىنچى ماددا
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدىكى پەيتلىك ئالاقە قورالى ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمىتىدە، بۇ بەلگىلىمە ماس كېلىدۇ.
بۇ بەلگىلىمىدە دېيىلىۋاتقان پەيتلىك ئالاقە قورالى ئادەتتە ئالاقە تورىنىڭ ئىشلەتكۈچىلەرنى دەل ۋاقتىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان قوراللاردۇر. بۇ بەلگىلىمىدە دېيىلىۋاتقان ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمىتى پەيتلىك ئالاقە قورالىدىكى ئاممىۋى ھېساب نومۇرلىرى ۋە باشقا شەكىللەردىكى ئاۋامغا يۈزلەنگەن ئۇچۇر ئېلان قىلىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۈچىنچى ماددا
دۆلەتلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرى ئىشخانىسى پەيتلىك ئالاقە قورالى ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئالاقە تورى ئۇچۇرلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.
ئالاقە تورى كەسپى تەشكىلاتلىرى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەرنىڭ ئىناۋىتىنى باھالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ ساغلاپ، تەرتىپلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
تۆتىنچى ماددا
پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى قانۇن، قائىدە-تۈزۈملەردىكى ئالاقىدار سالاھىيەتكە ئىگە بولغان بولۇشى كېرەك. پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمەت پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىشتا، چوقۇم ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇشى كېرەك.
بەشىنچى ماددا
پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچى بىخەتەرلىك باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك تۈزۈملەرنى مۇكەممەل ئورنىتىپ، مۇلازىمەت دائىرىسىگە ماس كېلىدىغان كەسپىي خادىملارنى سەپلىشى، ئابۇنتلار ئۇچۇرى ۋە پۇقرالار مەخپىيەتلىكىنى قوغداپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى ئۆزلۈكىدىن قوبۇل قىلىشى، ئامما ئىنكاس قىلغان قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
ئالتىنچى ماددا
پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى ‹‹ئارقا سۇپىدا ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش، ئالدى سۇپىدا ئۆزى خالاش›› پىرىنسىپى بويىچە، پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەردىن ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى ئېتىراپقا ئېرىشكەندىن كېيىن تىزىملىتىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەر تىزىملىتىشتا، پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، قانۇن-قائىدە، سوتسىيالىستىك تۈزۈم، دۆلەت مەنپەئەتى، پۇقرالارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى، ئىجتىمائىي تەرتىپ، ئىجىمائىي ئەخلاق ۋە ئۇچۇرنىڭ ھەقىقىيلىقى قاتارلىق ‹‹يەتتە تۆۋەن سىزىق››قا رىئايە قىلىشى كېرەك.
يەتتىنچى ماددا
پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىلەر ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمەت پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىش ئۈچۈن ئاممىۋى نومۇر ئاچماقچى بولسا، پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ، ئالاقە تور ئۇچۇر مەزمۇنىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تۈرگە ئايرىشى ئۈچۈن ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.
ئاخبارات ئورنى، ئاخبارات تور بېكىتى ئاچقان ئاممىۋى نومۇر ئارقىلىق سىياسىيغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىش ۋە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولىدۇ، ئالاقە تور ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان غەيرىي ئاخبارات ئورۇنلىرى ئاچقان ئاممىۋى نومۇرلار ئارقىلىق سىياسىيغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولىدۇ. باشقا ئاممىۋى نومۇرلارنىڭ تەستىقتىن ئۆتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا سىياسىيغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىشى ۋە كۆچۈرۈپ تارقىتىشىغا بولمايدۇ.
پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى سىياسىيغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىش ۋە كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولىدىغان ئاممىۋى نومۇرىغا بەلگە ئىزاھلاپ قويۇشى كېرەك.
ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ھەر قايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاممىۋى نومۇر ئېچىپ، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئامما ئېھتىياجىنى قامدىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.
سەككىزىنچى ماددا
پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچى ئاممىۋى ئۇچۇر مۇلازىمەت پائالىيىتى بىلەن شوغۇللىنىشتا ئالاقىدار قانۇن-قائىدىگە رىئايە قىلىشى كېرەك.
كېلىشىمدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكۈچىگە پەيتلىك ئالاقە قورالى مۇلازىمىتىنى تەمىنلىگۈچى ئەھۋالغا قاراپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، يوللاشنى چەكلەش، يېڭىلاشنى توختىتىش، ھەتتا نومۇرىنى ئېتىۋېتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىشى، شۇنداقلا ئالاقىدار خاتىرىلەرنى ساقلاپ قويۇپ، ئالاقىدار باشقۇرۇش تارماقلىرىغا دوكلات قىلىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
توققۇزىنچى ماددا
بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان قىلمىشنى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئونىنچى ماددا
بۇ بەلگىلىمە ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved