چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە Raspberry Pi شىركىتى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى مىكرو كومپيۇتېرى Raspberry Pi Zeroنى چىقارغان، سېتىلىش باھاسى پەقەت 5 ئامېرىكا دوللىرى ئىكەن. يانچۇق چوڭلىقىدىكى بى كومپيۇتېر ئەسلىھەسى ئاساسلىقى كىچىك بالىلارنىڭ پروگىرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىشكە ئىشلىتىلىدۇ.Raspberry Pi شىركىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نىشانى پروگىرامما تۈزۈشنى ئۆگەنمەكچى بولغان بارلىق بارلىلارنىڭ كومپيۇتېرى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى. بۇ ئەڭ يېڭى مىكرو كومپيۇتېرغا 1GHz ARM بىر تەرەپ قىلغۇچى، 512MB RAM، بىر micro SD كارتا ئوقۇرى، بىر Mini-HDMI ئوقۇرى ۋە نەچچە Micro-USB ئوقۇرى سەپلەنگەن، سىرتقى شەكلىنىڭ رازمېرى 65mm x 30mm x 5mm كېلىدۇ.
كەسپىي خادىملار ئومۇميۈزلۈك ھالدا Raspberry Pi ئىشلەپ چىقارغان بۇ خىل ئەڭ ئاساسىي كومپيۇتېرنى بالىلارنىڭ كون يېزىشنى ئۆگىنىش قورالى دەپ قارىدى. بۇ يىل، BBC شىركىتى Raspberry Pi ۋە باشقا ھەمكارلىق شېرىكلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ مائارىپ كومپيۇتېرى Micro Bitنى تەتقىق قىلىپ چىقتى ھەمدە ئەنگلىيەدىكى 11 ياشلىق بالىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە ھەقسىز تەمىنلىدى.
بىر يىل ئىلگىرىدىن باشلاپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى كود يېزىشنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن دەرسلىك قىلىپ، ئەنگلىيەدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەر چوقۇم ئۆتىدىغان دەرس قىلىپ بېكىتتى. بۇمۇ تېخنىكا ساھەسىنىڭ كەڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، ئۇلار پروگىرامما تۈزۈش مائارىپى تېخنىكا كەسپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا سېلىنغان مەبلەغ دەپ قارىدى.
گەرچە بىرىنچى ئەۋلاد Raspberry Pi مىكرو كومپيۇتېرىنىڭ باھاسى ئوخشاش دەرىجىدىكى كومپيۇتېرلاردىن كۆپ ئەرزان بولسىمۇ، ئەمما بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن يەنە ئازراق قىممەت. ئەمما چىقارغان Pi Zeroنىڭ سېتىلىش باھاسى ھەقىقەتەن بەك ئەرزان، يەنىمۇ تۆۋەنلىتىش ئويى يوق.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved