گۇاڭدوڭ كېلەر يىلى باققۇچىسى يوق بالىلارغا ھەر ئايدا 500 يۈەن بېرىدۇ

     يېقىندا ئۆلكىلىك خەلق ئىشلار نازارىتى بىلەن ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى بىرلىكتە «گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك خەلق ئىشلار نازارىتى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك مالىيە نازارىتى باققۇچىسى يوق بالىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى تۈزۈپ چىقتى، 25-دېكابىر مەزكۇر پىكىر ئېلىش نۇسخىسى جەمئىيەتكە ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

     پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئۆلكە بويىچە باققۇچىسى يوق بالىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ پۈتۈن ئۆلكىدىكى باققۇچىسى يوق بالىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلىدۇ. تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش ئوبېيكتى: مۇشۇ ئۆلكە نوپۇسىدىكى 18 ياشتىن تۆۋەن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسى بېقىش ۋە ھامىيلىق قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمايدىغان ياكى تولۇق ئادا قىلالمايدىغان قۇرامىغا توشمىغانلار، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىلىسى يوقاپ كەتكەن، تاشلىۋەتكەن، ئېغىر كېسەل ياكى ئېغىر مېيىپ، تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقان مۇددىتى (ئايرىپ زەھەر تاشلىتىۋاتقان، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) بىر يىلغا توشقان ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى، ئاتا-ئانىسىدىن بىر تەرەپ يوقاپ كەتكەن يەنە بىر تەرەپ تاشلىۋەتكەن، ئېغىر كېسەل ياكى ئېغىر مېيىپ، تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقانلار. باققۇچىسى يوق بالىلار 18 ياشقا توشقاندىن كېيىنمۇ يەنىلا پۈتۈن كۈنلۈك مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ، ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ، ئالىي كەسپىي مەكتەپ ۋە ئادەتتىكى تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرىدە ئوقىۋاتقان بولسا داۋاملىق تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمان بولىدۇ.

پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى:

    پۈتۈن ئۆلكىدىكى باققۇچىسى يوق بالىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش ئۆلچىمى ھەر ئايدا ھەر ئادەمگە 500 يۈەن، شارائىتى بار ئورۇنلار ياردەم پۇلى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق كۆپەيتسە، يېتىم بالىلارنى بېقىپ تەربىيلەش ئۆلچىمىنى ئاساس قىلىپ باققۇچىسى يوق بالىلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى تەبئىي ئۆستۈرۈش مېخانىزىمىنى تۇرغۇزسا بولىدۇ. شارائىتى يار بەرگەنلەر باققۇچىسى يوق بالىلارنىڭ ھامىيسى ياكى ئۆزى باققۇچىسى يوق بالا تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى يېزا-بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى (مەھەللە ئىش بېجىرىش باشقارمىسى)غا ئىلتىماس سۇنۇپ، تەكشۈرۈپ-تەستىقلاش جەدىۋىلىنى تولدۇرىدۇ ھەمدە ئالاقىدار ئىسپات ماتېرىياللارنى تاپشۇرىدۇ. شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى قۇتقۇزۇش پۇلىدىن بەھرىمان بولىۋاتقان راستىلا باققۇچىسى يوق بالىلارغا قارىتا كەم قىسمىنى تولۇقلاپ بېرىش چارىسى قوللىنىلىدۇ، يەنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسى قۇتقۇزۇش پۇلى ئاساسىدا 500 يۈەنگە يەتكىچە تولۇقلاپ بېرىلىپ، باققۇچىسى يوق بالىلارنىڭ تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئەمەلىيلەشتۈرلىدۇ.



خەتكۈچلەر:
26-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
25-05-2016
ئۇنىڭ ئىسمى George Wurtzel، ئۇ بىر ئەما سەنئەتكار، شۇنداقلا ئورمان ئىشچىسى ھەم ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇ بىر رەسىم كارىدورى لايىھەلەپ چىقىشنى پىلانلىدى. George ئەمالارمۇ «كۆرەلەيدىغان» بىر سۈرەت ياساپ چىقماقچى بولۇپ، دەسلەپتە ئۆزى...
25-05-2016
ۋال كوچىسى ئۇچۇرلىرى تورىنىڭ 25-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، شىياڭگاڭغا بارىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇق ساياھەتچىلەر سانى بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش ...
24-05-2016
    تۈنۈگۈن كەچ بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 22:00دە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «خىسلەتلىك قىلىچ5» خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ فىلىمدە داڭلىق ئارتىس گۈلنەزەرمۇ ئاساسلىق رول ئالغان. لېكىن بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئالغى...
24-05-2016
تاڭ ۋېي (كورىيە) لياڭ يۇڭچى (ئىسپانىيە) مو ۋېنۋېي (گېرمانىيە) لى ۋېن (ئامېرىكا) ما ياشۇ (ئاۋىستىرالىيە) چى ۋېي (كورىيە) يۈەن لى (ئامېرىكا) ...
23-05-2016
خەلقئارا لىنىيە تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:      نىيويوركتىكى بىر قېتىملىق كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، «پاخما باشلار مۇزىكا ئەتىرىتى» (The Beatles) نىڭ باش ناخشىچىسى جون لېنوننىڭ قوليازما ناخشا تېكىستى ...
23-05-2016
فەن بىڭ بىڭ ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى 2016-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى، شىنجاڭ. كىنو چولپىنى فەن بىڭ بىڭ مەلۇم سودا پائالىيىتىگە قاتناشتى. شۇ كۈنى، فەن بىڭ بىڭ ئۆرۈمە چېچىنى ئوينىتىپ، كۆرگەزمە...
23-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ماي مانىلادىن ئەۋەتكەن تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 22-چېسلا سەھەردە فىلىپپىن پايتەختىنىڭ چوڭ مانىلا رايونىدا ئاياغلاشقان بىر مەيدان مۇزىكا كېچىلىكىدىن بىر شۇم خەۋەر تارقالغان بولۇپ، بەش تاماشىب...
22-05-2016
   «پەرقلىقلەر» فىلىمى بولسا ۋىرونىكا رۇس نىڭ شۇ رومانى ئاساسىدا نېيىل بېرگېر رېژىسسورلۇق قىلغان 2014 - يىلىدىكى فانتازىيەلىك ھەم ھەرىكەتلىك ئامېرىكا فىلىمى. بۇ يىل فىلىمنىڭ 3-بۆلۈمى چىقتى.     فىلىمنىڭ 3-ب...
21-05-2016
    بۈگۈنگەرىي گراي (F. Gary Gray) رېژىسسورلۇق قىلغان، ۋېن دىسېل (Vin Diesel)، دېۋايىن جونسۇن (Dwayne Johnson)، جېسىن (Jason Statham)، مېچىل (Michelle Rodriguez) قاتارلىقلار رول ئالغان «سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات 8» نىڭ سەھ...
21-05-2016
روبېرت دوۋنېي (Robert Downey Jr) بىلەن جۇد لو (Jude Law) بىرلىكتە رول ئالغان «رازۋېدچىك ھولمىس» نىڭ 3-بۆلۈمى سۈرەتكە ئېلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. فىلىم ئىشلىگۈچى جول سىلۋېر «رازۋېدچىك ھولمىس 3» سۈرەتكە ئېلىش خىزمىتىنىڭ بۇ يىل كۈزدە باشلىنىپ، ...
Powered by Leglek