خەلق تورى خەۋىر لەگلەك تورى تەرجىمىسى.ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە قارىغاندا .پاكىستان خەۋپسىزلىك قىسىملىرى تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن 25-دېكابىر يېرىم كېچىدە مەلۇم بىر رايونىدا ھەرىكەت قوللىنىپ ،بىر توپ قوراللىق ئۇنسۇرلارغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان .ھەمدە قوراللىقلار بىلەن قاتتىق ئېتىشقان .بىس سائەت ئېتىشىش جەريانىدا پېشاۋار قوراللىق ئارمىيە ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پىلانلىدى دەپ گۇمان قىلغان بىر گۇماندارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن .يەنە ئالتە قوراللىق ئۇنسۇر يارىلانغان .
ئالاقىدار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇنسۇرلارنىڭ كاتتىۋېشى پاكىستان تالىبانلار تەشكىلاتىنىڭ بىر تارمىقىدا ھەرىكەت قوماندانى ئىكەن .ساقچى تەرەپ ئۇنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان خەتەرلىك تېررورچى ،نۇرغۇن تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پىلانلىغۇچى دېگەن .بۇ ھەم مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى پېشاۋار قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى باشقۇرىشىدىكى مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن .
مۇشۇ ئاينىڭ 16-كۈنى پاكىستان پېشاۋار قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى مەكتەپ تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ جەمئىي 141 كىشى قازا قىلدى .ئۇلارنىڭ ئىچىدە 132 نەپەر ئوقۇغۇچى ۋە توققۇز ئوقۇتقۇچى ئىشچى خىزمەتچى بار .يەنە يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى .بۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا پاكىستاندا يۈز بەرگەن ئەڭ قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بۇلۇپ ھېسابلىنىدۇ .تالىبانلارنىڭ بىگۇناھلارنى كەلسە كەلمەس ئۆلتۈرگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن پاكىستان ھاۋا ئارمىيىسى بىلەن يەر يۈزى قىسمى 17-دېكابردىن باشلاپ پىشاۋۇرغا جايلاشقان كىبىر قۇرۇقلۇق گۇۋا ئۆلكىسىدە يەنە بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇردى .
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 21-دېكابىر پاكىستان دائىرىلىرى بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى شەھەر پېشاۋۇردا يۈز بەرگەن مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش دېلوسىغا ئالاقىدار جىنايەت گۇماندارلىرىنى تۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ بىر قىسىم جىنايەت گۇماندارلىرىنى قولغا ئالغان.پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى چۇدرىي نىسار ئەلىخاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھەرىكەتتە تۇتۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە سوراق ئۈنۈملۈك بولىۋېتىپتۇ.
بىراق، چۇدرىي جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ سالاھىيىتى ۋە سانىنى ئاشكارىلىمىغان.تالىبان قوراللىقلىرى شۇ يەر ۋاقتى 16-دېكابىر پاكىستان پېشاۋۇردىكى ھەربىيلەر باشقۇرۇشىدىكى بىر مەكتەپكە باستۇرۇپ كىرىپ ئوقۇغۇچىلارنى ئوققا تۇتقان. ھۇجۇمدا 132 نەپەر ئوقۇغۇچى، توققۇز نەپەر ئوقۇتقۇچى-خىزمەتچى بولۇپ، جەمئىي 141 ئادەم قازا قىلغان. تالىبان تەرەپ پاكىستان ھەربىي تەرەپنىڭ شىمالىي ۋەزىرىستان رايونىدا ئېلىپ بارغان تازىلاش ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھۇجۇمنى قوزغىغانلىقىنى ئېيتقان.مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، پاكىستان ھەربىي تەرەپ قوراللىق ئۇنسۇرلار مۆكۈۋالغان پاكىستان-ئافغانىستان چېگرىسىدىكى قەبىلىلەر رايونىنى بومباردىمان قىلغان. بۇنىڭدىن باشقا، پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋاقتىنچە ئەمەلدىن قالدۇرغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ئىزدەش نومۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved