شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت سارىيىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى گېنشېڭ 7-دېكابىر چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2-نۆۋەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسىپلىرى كۆرگەزمىسىگە ئېلىپ كەلگەن شىنجاڭدىكى دېھقان رەسساملارنىڭ 180 پارچە ئەسىرىدىن تۆت پارچىسى گۇاڭجۇلۇق سودىگەرگە سېتىلدى .
ئىگىلىنىشىچە ، شىنجاڭ دېھقان رەسساملىرىنىڭ سەككىز پارچە ئەسىرى 2008-يىلى ئامېرىكىدا سەييارە كۆرگەزمە قىلىنغان ، 2009-يىلى 35 پارچە ئەسىرى ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا كۆرگەزمە قىلىنىپ ، ھەممىسى سېتىلغان ، نيۇ يورك سودا نەشرىياتى 2012-يىلى ئامېرىكىدا شىنجاڭ دېھقان رەسساملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرغان ، 2013-يىلى دېھقان رەسساملارنىڭ 200 پارچە ئەسىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارغا تارقىتىلىدىغان سوۋغات بۇيۇمى بولۇپ تاللانغان .
![]() |
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە شىنجاڭ يەرمەنكە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك يىپەك يولى خەلقئارا يېمەك-ئىچمەك كۆرگەزمىسىدىكى يارقىن نوقتا- شىنجاڭ ئۇيغۇر نان مەدەنىيتى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved