بىر ئايال گۈلچەمبىرەك تىزىپ، ئەرمەك ئىتىنى ئۆلتۈرگەن كىشىنى قارغىدى

      12-ئاينىڭ 28-كۈنى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جىياڭمېن شەھىرى، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ مۇخبىرغا ئاشكارىلىشىچە، جىياڭمېن شەھىرى پېڭجىياڭ رايونى جىياڭخۇا يولى جۇپەي كوچىسىغا جايلاشقان سانائەت باغچىسىدىغا بىرەيلەن ئون نەچچە دانە گۈلچەمبىرەك تىزىپ قويغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ پەرىزىچە، بىر ئايال بۇ گۈلچەمبىرەكلەرنى  سانائەت رايونىدا باشقىلار ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئەرمەك ئىتىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن قويغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

      مۇخبىر نەق مەيدانغا بېرىپ، جۇپەي كوچىسى سانائەت رايونىدىكى مەلۇم بىر زاۋۇت دەرۋازىسى ئالدىدىكى كارىدورنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئاپئاق گۈلچەمبىرەكلەرنىڭ تىزىپ قويۇلغانلىقىنى، يان تەرەپتىكى كارىدورغىمۇ يەنە نەچچە ئون دانە گۈلچەمبىرەك ۋە گۈللەرنىڭ قويۇپ قويۇلغانلىقىنى، نەق مەيداندىكى ئىككى مىسىرالىق تەزىيەنامىگە < Bobi> ئىسىملىك بىر ئىتقا تەزىيە بىلدۈرۈلىدىغانلىقى شۇنداقلا بۇ ئىتنىڭ ئۆزىگە نەچچە يىلدىن بېرى ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىغا ئالاقىدار خەتلەر يېزىلغانلىقىنى كۆرگەن. زاۋۇت بىناسىنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاق رەخت ئارتىپ قويۇلغان بولۇپ، ئىتنىڭ ئىگىسى ئەرمەك ئىتىنىڭ بالدۇرراق <جەننەت> كە كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئەرمەك ئىتىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكۈچى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ، ئۇنى قارغىغانلىقى يېزىلغانىدى.

     بۇ ئايالنىڭ فامىلىسى يې بولۇپ، بۇ ئىككى ئايال ئىلگىرى مۇشۇ يەردىكى زاۋۇت بىناسىدا ئىككى يىلدەك ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ھەم يېقىندا بۇ يەردىن كۆچۈپ كەتكەنىدى. يې خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ باشقىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋىتىلگەن Bobi ئىسىملىك بۇ ئىتنى تۆت يىل بۇرۇن بېقىۋالغان بولۇپ، بۇ ئىتقا مېھرى چوڭقۇر ئىكەن. بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى، يې خانىم شىياڭگاڭغا كوماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆيدە قالغان Bobi ئىسىملىك ئەرمەك ئىتى ئۆيدىن قېچىپ چىقىپ، ئىلگىرى ئۆزلىرى تۇرغان بۇ زاۋۇت قوراسىدىكى ئۆيگە قايتىپ كەلگەن، لېكىن Bobi ئىسىملىك ئىت زاۋۇت قوراسىدا بىر ئىشچى تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋىتىلگەن.

     يې خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇ يەردىكى زاۋۇت قوراسىدا ئىجارە ئولتۇرغان ئىككى يىلدىن بېرى باشقا كىشىلەر بىلەن ئارازلىشىپ قالمىغان بولۇپ، پەقەت بىر قېتىم ئۆيىدىن سۇ ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز ئۆيىنىڭ ئاستىنقى قەۋىتىدە ئولتۇرۇشلۇق بىرەيلەن تەرىپىدىن شىكايەت قىلىنغان، لېكىن يې خانىم دەرھال ئادەم چاقىرىپ كېلىپ سۇ ئېقىپ كېتىش مەسلىسىنى رىمونت قىلىپ ھەل قىلغانىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قېتىم، Bobi ئىسىملىك ئىت ھېلىقى ئىشچىنىڭ ئىتىنىڭ ئۈستىگە يامىشىۋالغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىشچىنىڭ قاتتىق كايىشىغا ئۇچرىغان ئىكەن. پەقەت مۇشۇنداق كىچىككىنە زىددىيەت تۈپەيلىدىن، ئۆزىنىڭ ئەرمەك ئىتىغا زەھەرلىك قول سېلىپ، ئىتنى رەھىمسىزلەرچە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىشتەك بۇ ئىش يې خانىمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن.


     مەزكۇر زاۋۇت قوراسىنىڭ يېنىدىكى بىر ئىدارىدە ئىشلەيدىغان جوۋ ئەپەندى ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:< ئۇ (يەنە يې خانىمنى دېمەكچى) بۇ يەرگە ئۇدا بىر ھەپتە كەلدى، ھەر قېتىم قولىدا گۈل كۆتۈرۈپ كېلىدۇ، ئۇ يەنە بۇ يەرگە كېلىپ ئەرمەك ئىتىغا نەزىر-چىراغ قىلىپ، نوم ئوقۇيدۇ، ھەتتا بىر قېتىم بالىسىنى ئېلىپ كېلىپ بۇ يەردە نوم ئوقۇدى، مەن بۇ ئايالنىڭ ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ئىكەنلىكىنى بىلدىم، لېكىن بۇنداق قىلسا باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ، ھەتتا كىچىك بالىلارغا بولغان تەسىرىمۇ ياخشى بولمايدۇ، مەن ھازىر ئىدارىگە ئىشقا بېرىشقىمۇ جۈرئەت قىلالماس بولۇپ قالدىم>.



خەتكۈچلەر:
30-12-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:    ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، NBA دىكى لوس ئانجىلىس كۆل ئادىمى كوماندىسىدا 20 يىل توپ ئوينىغان گىگانت چولپان كوبى بىرايىنت گەرچە كەسپى ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىن...
27-05-2016
   يېقىندا، مەشھۇر سەنئەتكار مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىلە سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى، سۈرەتلەردە ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرى بىلەن خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقانلىقى ئەكس ئەتكەن. مايكول جېكسوننىڭ ئاز ئۇچرايدىغان ئائىل...
27-05-2016
    تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالى يۈن رەسمىي ھالدا يېڭى تىزىملاتقان كارخانا ئابۇنىتلىرىغا com. ياكى xin. نامىدا ھەقسىز دائىرىلىك تور نامى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ دۆلەت ئىچىدىكى تۇنج...
27-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
27-05-2016
يېقىندا جوۋچى ھەممە جايدا قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم ئامېرىكا چىكاكودا ئومۇمىي مەشىقىگە قاتناشقاندىن كېيىن، ئالدى-كەينى بولۇپ كىلىتلار كوماندىسى، كۈلرەڭ ئېيىق كوماندىسى، قۇياش كوماندىسى ۋە كاتىر كوماندىسىدا سىناق مەشىققە قاتناشتى،...
26-05-2016
     شىرئەلىجاننىڭ گۈزەل ئايالى مۇنىرە ئىلگىرى مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتى 2011-يىللىق ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى، بۇلتۇر يازدا ئەمدىلا ئوقۇشنى پۈتتۈرگەن مۇنىرە شىرئەلىجان بىلەن داغدۇغىلىق توي قىلدى. ...
26-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نەچچە كۈن بۇرۇن ھوللىۋود چولپىنى، ئوسكار مۇكاپاتى ساھىبى لىئوناردو (Leonardo DiCaprio) ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتى Palm شەھرىد...
26-05-2016
    5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.     يا...
26-05-2016
 ما يۈن بىر ئۇتۇق قازانغان كارخانىچى، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەقەت دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر، باشقىسىنى دېمەيلا تۇرايلى، پەقەت ئۇنىڭ چەت ئەللىك دوست ئەربابلار بىلەن چۈشكەن خاتىرە سۈرەت...
26-05-2016
جۇرۇڭفا 80-يىللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان تىپىك روللارنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتتى، ئۇ شەرق ئەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى ھەقىقىي نامايەن قىلدى. ئۇ 42 يىللىق كەسپى ھاياتىدا كۆپلىگەن ئوبرازلارنى يارىتىپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قەل...
Powered by Leglek