ئىران: باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساشتىن ۋاز كەچمەيمىز

     خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسىمىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى سالام 1- يانۋار ئامېرىكىغا پوپوزا قىلىپ، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەمەلىي كۈچىنى ئاشكارىلاپ مۇنداق دېگەن: بىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىمىز ھەممىلا جايدا مەۋجۇت، بىز نەچچە 100 ئۇزۇن تونىل ياسىدۇق، بۇ تونىللارنىڭ ئىچىدە لىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا بار، بۇلار دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداشقا ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدۇ.

     2015- يىلى ئىران خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن يادرو پىلانى بۇيىچە كېلىشىم ھاسىل قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادى ئىمبارگۇلارنىڭ بېكار قىلىنىشىدىن ئۈمىد تۇغۇلدى. ئەمما ئامېرىكا ۋول كوچىسى گېزىتىنىڭ 12- ئاينىڭ 30- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى باھانە قىلىپ، ئىرانغا يېڭى ئىقتىسادى ئىمبارگۇ يۈرگۈزمەكچى بولغان. ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلىقى ئىراننىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئىران ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبەرى ھامىنەيى ھەر قانداق يېڭى جازالاش تەدبىرىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق دەپ قارىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئەسكەرتىپ بېرىپ: ناۋادا ئامېرىكا داۋاملىق ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلماقچى بولسا، ئىران چوقۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك، دېگەن.



خەتكۈچلەر:
04-01-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
05-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 4-ماي، ئىيوردانىيە پايتەختى ئامماننىڭ شەرقىي قىسمىدىكى Hadalat رايونى، زور بىر تۈركۈم سۈرىيە مۇساپىرلىرى ئىيوردانىيە-سۈرىيە چېگرىسىدا ئىيوردانىيەگە كىرىشنى كۈتمەكتە. ئىئوردانىيە چېگرا مۇھاپىزەت ئەترىت...
05-05-2016
    فىرانسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2-ماي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2015- يىلى قۇرامىغا يەتمىگەن 90 مىڭ مۇساپىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئ...
05-05-2016
    5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندىكى ئاق سارايدا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما (ئوڭدىن 1-كىشى) بىلەن جاخانا خايېس (ئوڭدىن 2-كىشى) ئامېرىكىنىڭ يىللىق ئوقۇتقۇچى مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى...
05-05-2016
    بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، سۈرىيەدىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر شىمالىي قىسمىدىكى قورغان ئالېپپودا كەسكىن توقۇنۇشۇپ، ئۇرۇش توختىغىلى ئەمدىلا 10 ھەپتىدەك بولغان ۋەزىيەت ھالاكەتكە يۈزلەندى، جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئال...
05-05-2016
    4- ماي كۈنى بولسا جۇڭگونىڭ ياشلار بايرىمى. ياشلىق دېگەن نېمە؟ گوۋۇيۈەن« دۆلەتلىك يىللىق بايراملار ۋە خاتىرە كۈنلىرى چارىسى» بويىچە ياشلار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا ماس كېلىدىغان كىشىلەر توپى بولسا 14 ياشتىن 28 ياشقىچە بول...
05-05-2016
    20 ياشتىن ئاشقان كورىيەلىك ياشلارنىڭ ھەممىسى ئۆز دۆلىتىنى «دوزاخ كەبى دۆلەت» دەپ قارايدۇ، جەمئىيەت ئەھۋالى ئارزۇ-ئۈمىدكە تولغان ئۇلارنى كەلگۈسىدە قايسى دۆلەتتە تۇرمۇش كەچۈرسە ئەڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئويغا...
04-05-2016
     5-ئاينىڭ 3-كۈنى، كىشىلەر ئېرۇسالىمدىكى بىن دېيۋىد سوراق قىلىنغان سوت مەھكىمىسى سىرتىدا تۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈردى. 3-ماي، ئېرۇسالىم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى شەرقىي ئېرۇسالىمدا پەلەستىنلىك ئۆسمۈر خۇدايىرنى قەس...
04-05-2016
    جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى يېقىندا ئىراق ۋە سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۇنسۇرلارغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىملىق ھەربىي ھەرىكەتتە نەچچە ئونلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرى...
04-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 3-مارت، ئىسرائىلىيە تېلئاۋېف، خەلق ئاممىسى ئوتتۇرا دېڭىزدا لەگلەك بىلەن دولقۇن تېيىلىش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
04-05-2016
    ئەنگىلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسپانىيە پادىشاھى فىلىپ-6 پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، تۆت ئاساسلىق سىياسى پارتىيە ئارىسىدىكى قاتمال سىياسى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، پارلامېنتنى تارقىتىۋ...
Powered by Leglek