ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررىي كۇبانىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى رودرىگىس بىلەن 9-ئاپرېل كەچتە پانامانىڭ پايتەختى پاناما شەھىرىدە كۆرۈشتى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يېرىم ئەسىردىن كۆپىرەك ۋاقىت ئۈزۈلگەندىن بۇيان ئۆتكۈزگەن ئالىي دىپلومات دەرىجىلىكلەر كۆرۈشۈشى.
ئىككى تەرەپ 7-نۆۋەتلىك ئامېرىكا قىتئەسى باشلىقلىرى يىغىنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنى قارشى ئېلىش شاراپ زىياپىتىدىن كېيىن يېپىق سۆھبەتلەشتى. يىغىندىن كېيىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئۇزۇن ۋاقىت مول ۋە ئىجابىي سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق كىررىي بىلەن رودرىگىس بۇ قېتىقى كۆرۈشۈشتە ئىلگىرلەش قولغا كەلتۈرۈلدى دەپ ھىسابلىدى. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يەنە ئۆزىنىڭ تورىدا كىررىي بىلەن رودرىگىسنىڭ قول ئېلىشىپ تۇرغانلىقى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەتلەشكەنلىكى توغرىسىدىكى سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى. بۇ ئارىدا تاراتقۇلار تەھلىل قىلىپ: بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە كۆرۈشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ قارىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved