ئۆتكۈنچى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان ئافغانىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى

ئاپرېلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئافغانىستان پرېزىدېنت سايلىمىدا، ھېچقايسى نامزات بىۋاسىتە %50 دىن ئوشۇق بېلەتكە ئېرىشەلمىدى، ئەمدى ئىككىنچى قېتىملىق بېلەت تاشلاش باسقۇچى ئارقىلىق بۇ ئىككى پرېزىدېنت نامزاتىنىڭ زادى قايسىسىنىڭ ھازىرقى پرېزىدېنت ھامىد كارزايىنىڭ ئورنىغا چىقىدىغانلىقى ئايدىڭ بولىدۇ، مەيلى كىملا ئۇتۇپ چىقسۇن، ئافغانىستان يەنىلا كېيىنكى كارزايى دەۋرىنى كۈتۈۋالىدۇ، 2001-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان كارزايى باشقىلارغا قاتتىق قول سىياسىي ئەرباب ئوبرازىنى بەردى، 2000-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئافغانىستاننىڭ ئىنسانىيەت تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى(HID) تەرتىپى مۇقىم سۈرئەتتە ئىلگىرىلىدى، بىراق چىرىكلىك، نامراتلىق ۋە ئامانلىق تەھدىتى بۇ دۆلەتنى باشتىن-ئاخىرى ئىسكەنجىسىگە ئېلىۋېلىپ كەلدى، ئافغانىستاننىڭ كېيىنكى كارزايى دەۋرىنىڭ تەقدىرى قانداق بولا؟

ئافغانىستان تىلغا ئېلىنسىلا، ھەممە كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا ئىختىيارسىزلا كۆكنار، چۈمپەردە ۋە ئۇرۇش قاتارلىقلار كېلىدۇ. ئافغانىستان ئىچكى ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ نەچچە مىڭ يىللىق ئازاب-ئوقۇبەتنى باشتىن كەچۈرگەن تۇپراق، كارزايى ھۆكۈمىتىنىڭ 10 يىللىق ئىدارە قىلىشىدىن كېيىن قانداق بولدى؟ رەسىمدىكى 2014-يىلى 4- ئايدا پايتەخت كابۇلدىكى بەش ياش شەھەرنىڭ سىرتىدىكى تاغدا چوققىسىدا تۇرىۋاتقان رەسىمى بولۇپ، بۇ جايدا تۇرۇپ بۇ شەھەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىش مۇمكىن، ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش ۋە توقۇنۇش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولغان بولۇپ، بۇلارنىڭ جىسمى مۇشۇ تاغ قاپتىلىدىكى قەبرىستانلىققا كۆمۈلگەن.

پايتەخت كابۇلدىن 16 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دارۇلامەن ئوردىسى، ئىككى ياش ئوردا خارابىسىنىڭ ئالدىدىكى چۆپلۈكتە ئوينىماقتا. دارۇلامەن ئوردىسى 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا سېلىنغان بولۇپ، ئىسلاھاتچى سۇلتان ئامانۇلاخان سالدۇرغان زامانىۋى قۇرۇلۇشنىڭ بىر قىسمى، بۇ كلاسسىك قۇرۇلۇش پايتەخت كابۇلنىڭ غەربىدىكى بىر كىچىك تاغنىڭ چوققىسىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ئوردا سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغاندا ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى نەچچە قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشتا كۆپ قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

كابۇلدىكى كۈسەنگەي كۆۋرۈكىدە ئەخمەت سۇھال دوستى رامىشنى خاتىرە رەسىمگە تارتىۋاتىدۇ. 20 ياشلىق رامىش كابۇلدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇيدۇ. رامىش مۇخبىرغا ئۆزىنىڭ قايسى پرېزىدېنت نامزاتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن بۇ قېتىمقى سايلامدا يەنە بېلەت تاشلايدىغانلىقنى بىلدۈردى.

كابۇلنىڭ ئەتراپىدىكى قارغا كۆل بويىدا نەسىم ھاشىمى ئۆزىنىڭ يېڭى ناخشىسى« come on to me» نى سۈرەتكە ئېلىپ MTVكىرىشتۈرمەكتە. ناسىم ھاشىمى ئافغانىستان ياشلىرىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن مودا ناخشىچى بولۇپ، ياشلار ئارىسىدا ئىناۋىتى ناھايىتىمۇ زور، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇزىكىسىنىڭ كىشىلەرگە خۇشاللىق ۋە ئۈمىدۋارلىق بېغىشلىيالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەئىد راخمان تورخانىدا مۇسابىقە كۆرمەكتە، بۇ تالىپلار ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتتا كىشىلەر ئويلاشقا جۈرئەتمۇ قىلالمايدىغان بىر ئىش ئىدى. 21 ياشلىق سەئىد راخمان بەشلا كومپيۇتېر سەپلەنگەن « قاراڭغۇ دۇنيا» دەپ ئىسىم قويغان ئەپچىلگىنە بىر تورخانا ئېچىۋالغان . كابۇل ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتىتىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان سەئىد ئىسپانىيە خان مادرېد كوماندىسى ۋە بۇ كوماندىدا توپ تېپىۋاتقان كىرستىنا رونالدونى ئەسەبىيلەرچە ياخشى كۆرۈدۇ ، ئۇ سايلامدا ئابدۇللاغا بېلەت تاشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە ئابدۇللا ناھايىتىمۇ قالتىس بىر ئادەم ، ئابدۇللا ئافغانىستان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ، ياشلارنى قەدىرلەيدۇ. سەئىدنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى يەنىلا تىنچلىق.

كابۇلنىڭ مەركىزىدىكى زارگونا كوچىسى بولسا خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى كوچىسى ھېسابلىنىدۇ ، 100 مېتىرغا يەتمەيدىغان بۇ كوچىدا ئون نەچچە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ماگىزىنى بار، بۇ جايدا ئەڭ ئىلغار بولغان سىفىرلىق مەھسۇلاتلارنىمۇ سېتىۋالغىلىمۇ بولىدۇ. بۇ يىل 24 ياشقا كىرگەن سۇددىن بىر خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى، ئۇنىڭ دۇكىنىدىن Macbook Air,IPAD,iPhone 5s لارنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولىدۇ، ھازىر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىۋاتقان يانفون بولسا خۇاۋىي Ascend P6 دۇر. سۇددىن ئەڭ دەسلەپتە ئاكىسىدىن يانفون رېمونت قىلىشنى ئۆگەنگەن ، ئافغانىستان ئىقتىسادىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، سۇددىن ئۈچ ئاكا-ئۇكا كابۇلدا مۇشۇنداق دۇكاندىن ئۈچنى ئېچىپ بولدى، سايلام بېلىتى كارتىسى ئېلىش ئۈچۈن ناھايىتىمۇ كۆپ ۋاقىت كەتكەچ، سۇددىن سايلامغا بېلەت تاشلاشتىن ۋاز كەچتى.

ئابدۇللا كابۇلدىكى «مۇھەممەت ئەيسا ساتىراشخانىسى» دا ساتىراشلىق قىلىدۇ، بىر توپ بالىلار قىزىقسىنىپ دۇكاننىڭ ئىچىگە قاراشماقتا، 17 ياشلىق ئابدۇللا ئۆزىنى شۇ جايدىكى ھۈنەرگە پۇختا، دىيانەتلىك بىر ساتىراش دەپ قارايدۇ. تېخى تولۇقسىزنىمۇ پۈتتۈرمەي ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئابدۇللا:«بىر ياخشى ھۆكۈمەت خەلقنى خۇشال قىلالىشى، خەلق ئۈچۈن ئىشلىيەلىشى كېرەك» دېدى.

23 ياشلىق مەسئۇد ھامىد كابۇلدىكى يەرشارى ئىنگلىز تىلى ۋە كومپيۇتېر ئىنستىتۇتىنىڭ ئىنگلىز تىلى مۇئەللىمى. ئۇ 15 يېشىدىن تارتىپ يېرىم كەسىپلەشكەن ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ : «مەن ئىنگلىز تىلىنى ياخشى كۆرۈمەن ، بىر چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىش ناھايىتىمۇ مۇھىم» دېدى. سايلام توغرىلىق گەپ بولغاندا مەسئۇد ھامىد سايلامدا ئابدۇللاغا بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى، چۈنكى ئابدۇللانىڭ ئافغانىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان يەرلىك ئافغانىستانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، ئارزۇ توغرىلىق گەپ بولغاندا مەسئۇد ئەستايىدىل رەۋىشتە : «پۇقرالارنىڭ ياخشى بولغان خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىشنى، ھۆكۈمەتنىڭ يەنە چېرىكلەشمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەلۋەتتە ھەممىدىن مۇھىمى يەنىلا تىنچلىق» دېدى.

بۇ مەكتەپتە سەككىز ياشتىن 30 ياشقىچە بولغان 200 گە يېقىن ئوخشاشمىغان ياشتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدۇ. كابۇلدا ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى مەكتەپلەردە ئاساسەن دېگۈدەك ئىنگلىز تىلى ئۆتۈلمەيدۇ، بىراق بۇ كۈنسېرى خەلقئارالىشىۋاتقان بۇ شەھەردە، ئىنگلىز تىلىنى ئىگىلىۋالسا، خىزمەت پۇرسىتى زور دەرىجىدە كۆپىيىدۇ.

31 ياشلىق مۇستافا كابۇلنىڭ ئەتراپىدىكى قاغرا كۆل بويىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، ئەرەب چىلىمى چەكمەكتە، مۇستافا بۇرۇن شۋېتسارىيە ۋە گېرمانىيەلەردە سەككىز يىل مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بولۇپ، گېرمان ۋە ئىنگلىز تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىغا قايتىپ كەلدى ھەم چەتئەللەردە ئىشلەپ تاپقان پۇلىغا كابۇلدىن ئۆي سېتىۋالدى، ئۇ يەنە بىر قېتىم چەتئەللەرگە چىقىپ ئايلىنىپ كىرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق نۆۋەتتە ئافغانىستان پاسپورتى بىلەن پاكىستانغىلا بارغىلى بولىدۇ، يېقىندىن بېرى جۇڭگونىڭ ۋىزىسىغا ئېرىشىشمۇ ناھايىتى قىيىنلىشىپ كەتتى . مۇستافا سايلامغا قاتناشمىغان، ئۇ مۇنداق دېدى : «قايسى پرېزىدېنت نامزاتى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسلا تەختكە چىقىشتىن بۇرۇن شۇنداق شىرىن–شېكەر ۋەدىلەرنى بېرىدۇ، بىراق مەن ئۇلارنى تەختكە چىققاندىن كىيىن بۇ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ دەپ قارىمايمەن، ماڭا نىسبەتەن ئۇلار ھوقۇق ئويۇنى ئويناۋاتقان سىياسىئونلاردۇر، سىياسىئونلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بولىدۇ».

كابۇلنىڭ ئاھالىلىكلەر رايونى. بىر بىنانىڭ ئەتراپىدا بىر قانچە بالا گۇمپا كۆرسەتمەكتە. ئافغانىستاندا جۇڭگو گۇمپىسى ناھايىتى مودا بولغان بولۇپ، شۇ جايدىكى كىشىلەر ھىندىستاننىڭ بوللىۋود فىلىملىرى ھەم توردىن چۈشۈرگەن ئامېرىكا شياڭگاڭ فىلىملىرى ئارقىلىق جۇڭگو گۇمپىسى بىلەن ئۇچراشقان، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە «ھەر بىر جۇڭگولۇق بىر گۇمپا پىرى».

كابۇلدىمۇ ماشىنا توشۇلۇش ناھايىتى ئېغىر، قاتناش تەرتىپسىز. تالىپلار ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كىيىن، زور مىقداردىكى چەتئەل كاپىتالى ئافغانىستانغا كىردى، يېڭىدىن بېيىغان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ماشىنىسى بار بولدى، بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە ۋېلىسىپىت ياكى ئېشەك ھارۋىسى ماڭىدىغان يوللاردىن ماشىنىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

گەرچە ئافغانىستاننىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۆتكەن تۆت يىل ئىچىدە %10 گە يەتكەن بولسىمۇ، بىراق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرچە كىرىم ئاران 232 ئامېرىكا دوللىرىدىن 417 دوللارغا يەتتى، نامراتلىق يەنىلا پۈتكۈل دۆلەتنى چىرماپ تۇرماقتا، كۆپلىگەن كابۇللۇقلار تاغدىكى ئاددىي ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ، ئەڭ يېڭى ستاتىستىكا نەتىجىسىدىن قارىغاندا، %50 دىن ئارتۇقراق ئافغانىستانلىقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش پۇلى 1.25 دوللاردىن تۆۋەن بولۇپ، ئامېرىكىدا بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىشكىمۇ يەتمەيدۇ، كابۇلنىڭ مەركىزىدىن ئايرىلسىڭىزلا يەنە بىر ئافغانىستاننى كۆرۈسىز.



خەتكۈچلەر:
23-05-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek