دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10 –ئىيۇل رۇسىيىنىڭ ئۇفا شەھىرىدە ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام كېرىموف بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۆزبېكىستانغا دوستانە سىياسەت يۈرگۈزۈشتە قەتئى تەۋرەنمەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتى ھالقىما تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك، ئېنېرگىيە ، پۇل مۇئامىلە، قاتناش، يېزا ئىگىلىكى، خەۋەرلىشىش، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ھەمدە بىر قاتار زور ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بىرلىكتە يولغا قويۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقى نەپ يەتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، جۇڭگو ئۆزبېكىستان ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ستىراتىگىيەسىنى ئۇلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ بىرلىكتە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇش ھەمكارلىق ھۆججىتىنى ئاساس قىلىپ، ھەمكارلىق پىلانى تۈزۈپ، دەسلەپكى مەزگىلدە ئۈنۈم يارىتىدىغان تۈرلەرنى بېكىتىپ، بىرلىكتە يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ئىسلام كېرىموف مۇنۇلارنى بىلدۈردى، جۇڭگو مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئۇل تاش. جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئۆزبىكىستاننى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. ئۆزبېكىستان جۇڭگو ئوتتۇرغا قويغان« بىر بەلۋاغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى قوللايدۇ، ئوخشاشلا جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئوتتۇرغا قويغان بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسىنىمۇ قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئالاقىدار ھەمكارلىق پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىشنى خالايدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved