بىرەيلەننىڭ ئۆتىدىن تۇخۇمدەك تاش چىقتى
ئۆتىگە تاش چۈشكىنىگە 20 يىل بولغان جاڭ ئەپەندى 14- يانۋار ئوپىراتسىيە قىلىنىپ، ئۇنىڭ ئۆتىدىن تۇخۇم چوڭلۇقىدا تاش چىقتى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك «دوستلۇق» دوختۇرخانىسىنىڭ «ياشلار» يولى ئادەتتىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ كېسەلخانىسىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان جاڭ ئەپەندى ئۆتىدىن چىققان ئېغىرلىقى 70 گىرام كېلىدىغان تۇخۇم چوڭلۇقىدىكى تاشنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن. 56 ياشلىق جاڭ ئەپەندى شوپۇر بولۇپ، ياش ۋاقتىدا يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدىگەن. ئالدىراش ۋاقتىلىرىدا كۈندە بىر ۋاقلا تاماق يەيدىغان بولۇپ، گۆش ۋە ياغلىق تائاملارنى ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىكەن. 20 يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۆتىدە تاش بارلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، ئاغرىمىغانلىقتىن ئىزچىل كۆڭۈل بۆلمىگەن.
بۇ دوختۇرخانا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ جىخۇڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتنى كېسىپ ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، كۆپ ساندىكى ئاغرىقلاردا ئۆت بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش، قورساق كۆپۈش، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىكەن. ھەتتا ئۆت غول نەيچىسىدە تاش پەيدا بولۇش، بوغما ئۈچەي راكى قاتارلىق ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدىكەن. شۇڭا دوختۇرلار ئىمكانقەدەر ئوپېراتسىيە قىلىپ ئۆتنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. ئۆتنى ساقلاپ قېلىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇش - بولماسلىقى ئاغرىقتىكى ئۆتنىڭ فۇنكسىيەسى مۇكەممەلمۇ - يوق، ئۆتنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى نورمالمۇ - يوق قاتارلىق ئامىللارغا باغلىق ئىكەن. بولمىسا ئۆتنى ساقلاپ قالغىلى بولمايدىكەن.
ۋاڭ جىخۇڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئادەمنىڭ ئۆتىدە تاش بارلىقى ئېنىقلانسا، بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈشى لازىم ئىكەن. چۈنكى ئۆتتىكى تاش ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ئۆت راكى، ئۆت نەيچىسىدە تاش پەيدا بولۇش قاتارلىق ھەر خىل ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدىكەن، يەنە تەرەققىي قىلسا، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇ مۇنۇلارنى تەۋسىيە قىلدى: بەك تاتلىق، خولېستېرىن تەركىبى ۋە ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار ۋە ئۇزاق مۇددەت روھىي جىددىيلىك ئىچىدە يۈرىدىغانلار قاتارلىق ئۆتىدە تاش پەيدا بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى كىشىلەر قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرۈپ تۇرۇشى، كىچىك كېسەلنىڭ يامان ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى لازىم.
سۈرەتتە: دوختۇر توخۇ تۇخۇمى بىلەن جاڭ ئەپەندىنىڭ ئۆتىدىن چىققان تاشنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەتمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved