شۇ جاينىڭ ۋاقتى 19-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاقسارايدا ئۆزىنىڭ يىللىق خۇلاسىسىنى ئېلان قىلىپ، بۇ يىللىق نەتىجىسىنى ئۆتكەن يىلدىكىدىن كۆپ، دەپ قارىدى.
ئوبامانىڭ يىل ئاخىرىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا ئۇنىڭ 2014-يىلدىكى نەتىجە تىزىملىكىدە ھەقىقەتەن نۇرغۇن يارقىن نۇقتىلار باركەن، ئىقتىسادى جەھەتتە ئامېرىكا ئىقتىسادى ئۇدا 11 ئاي ئاشقان، ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ئۇدا 57 ئاي ئاشقان، ئۇ ھەتتا ھاياجان بىلەن مۇنداق دەپ جاكارلىغان: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2008-يىلى پۇل مۇئامىلە كىرزىسى پارتلىغاندىن كېيىن ئېلىپ بارغان ئاپتوموبىل كەسپىنى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى تولۇق مۇۋاپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى، دىپلوماتىيە جەھەتتە ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا يەر شارىنىڭ ئىبۇلا يۇقىمىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلدى، جۇڭگو بىلەن كېلىمات ئۆزگىرىشى ھەققىدە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىشتا دۇنيانىڭ دېققىتىنى قوزغاش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللاندى، كۇبا بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈردى، ئافغانىستان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇردى، مانا بۇلار مېنىڭ نەتىجە تىزىملىكىمدىكى ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغان نەتىجىلەردۇر.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
|
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved