بارسېلونا كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن خان جەمەتى مادرىد كوماندىسى ئۆزىنىڭ روھىي ھالىتىنى تەڭشەپ، جەڭگىۋارلىقىنى قايتىدىن ئۇرغۇتۇپ، يېقىنقى ئۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇدا غەلىبە قىلدى.
ياۋرۇپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا خان جەمەتى كوماندىسى گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقىدىغان ئەھۋالدا مودېرىچ، ناۋاس، كىرۇس، بالى قاتارلىق ئەزالىرى زاپاس ئەزالىق ئورنىدا ئولتۇردى، ھۇجۇم سېپىدە رونالدو، بېنزىما مەيدانغا چىقتى، نەتىجىدە رونالدو تۆت توپ، بېنزىما ئۈچ توپ ئۇردى. شۇنىڭ بىلەن مادرىد كوماندىسى ئىككى تۈردە رېكورت ياراتتى. 1-تۈر: ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا تۇنجى قېتىم بىر كوماندا ئىچىدىكى ئىككى ئەزانىڭ ھەر بىرى ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ توپ ئۇرۇش. 2-مادرىد كوماندىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسدىكى ئەڭ چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن ئۇتقان مۇسابىقىسى، 2002-يىلى مادرىد كوماندىسى6-0 خېڭكى كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغان.
لىۋىرپول كوماندىسىمۇ 2007-2008 ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسىدا بېشىكتاش كوماندىسنى 8-0 نەتىجە بىلەن يەڭگەن. شۇ مەيدان مۇسابىقىدە لىۋىرپولنىڭ مەشقاۋۇلى بېنتىز، ھازىرقى خان جەمەتى مادرىد كوماندىسىنىڭ ئەزاسى ئاربېئولامۇ شۇ ۋاقىتتىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىدى.
مۇسابىقىدىن كىيىن قۇسۇر تىپىشقا ئامراق مادرىد مەستانلىرى نارازىلىق بىلدۈرۈپ «بۇلار بارسېلونا بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە نېمە ئىش قىلدى» دېسە يەنە، بىر قىسىم توپ مەستانىلىرى مادرىد كوماندىسىنى مازاق قىلىپ «مادرىد كوماندىسى پەقەت ئاجىز كوماندىلارنىلا بوزەك قىلىپ كۆپ توپ ئۇرىدۇ» دېدى.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved